• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2016-يىللىق كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تىزىملىكى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : ئۇيقۇت ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-24 17:30

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    «بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    9. «ئايال تىۋىپ خانىش» (女医明妃传) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.296

    بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارىخىي شەخسنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ليۇ شىشى، خو جيەنخۇا، خۇاڭ شۈەن قاتارلىقلار بىرلىشىپ باش رول ئالغان قەدىمكى رىۋايەت تۈسىدىكى ئىلھامبەخش تېلېۋىزىيە تىياتىرى. بۇنىڭدا، مىڭ سۇلاسىدىكى داڭلىق ئايال تىۋىپ تەن يۈنشيەننىڭ تىبابەت ئىلىمگە مەجنۇنلارچە ئاشىق بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئايال تېۋىپ تۈزۈمىنى تىكلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئەۋلاد ئايال دۆلەت تېۋىپىگە ئايلانغاندىكى كەچۈرمىشلەر سۆزلىنىدۇ.

    8. «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» (锦绣未央) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.386

    بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى چىن جيەننىڭ شۇ ناملىق ھېكايسىىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، تاڭ يەن، لو جىن، ۋۇ جيەنخۇا، ماۋ شاۋتۇڭ، لى شىنئەي قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇنىڭدا، ھالاك بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت مەلىكىسىنىڭ دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىشى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېيىن، تاساددىپىي «لى ۋېيياڭ»غا ئايلىنىپ، دىۋان مەھكىمىسىگە قايتىپ ئەشەددىي دۈشمىنى بىلەن ئـەقىل ۋە كۈچ جەھەتتىن سىنىشىدىغاندىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ.


    7. «ئۆگەي دادام قايتىپ كەل» (继父回家) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.399

    بۇ شى شىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ھازىرقى زامان تۇرمۇشى تەسىۋىرلەنگەن، فەن مىڭ، يەن شۆجىڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇنىڭدا، تۈرمىدىن چىققان لى كۇەننىڭ سابىق ئايالى دىڭ جيې ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش جەريانىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان تىركىشىش، ئازابلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرىدا خۇشال تۇرمۇشىغا قايتىدىغاندىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ.

    6. «گۈزەل مەخپىيەتلىك» (美丽的秘密) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.423 

    خې رۇندۇڭ، سۇڭ چيەن، شۈەن زى، ۋېي چيەنشياڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان شەھەر تۇرمۇشى تەسىۋىرلەنگەن ئىلھامبەخش تېلېۋىزىيە تىياتىرى. بۇنىڭدا، ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان قىز جياڭ مېيلى ئاپىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. قىز چوڭ بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە، داڭلىق مۇزىكانت گۇەن يى ئۇنىڭدىكى مۇزىكا تالانتنى بايقاپ، تەربىيەلەپ ناخشىچى قىلماقچى بولىدۇ. قىز بىر مۇنچە قېرىنداشلىق مېھىرى، مۇھەببەت ئازابلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.

    5. «ئالماشقان ھايات» (搭错车) كۆرۈلۈش نىسبىتى: 1.501

    بۇ تەيۋەننىڭ شۇ ناملىق كىنوسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ما شاۋخۇا، گۇەن شاۋتۇڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئاقكۆڭۈل، مېھىرىبان دۇڭ لىننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر قىز بوۋاقنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى بېقىپ، قاتارغا قوشۇش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.


    4. «مەخپىيەتلىكنى يېشىش» (解密) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.644

    چېن شۆدۇڭ، يىڭ ئېر، جىڭ چاۋئەن، يى شۈەن قاتارلىقلار باش رول ئالغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «ماتېماتىكا تالانت ئىگىسى» رۇڭ جىنجېننىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى شىفىر»نى يېشىپ، سىرلىق ۋە ئۇلۇغ رىۋايەتلەرنى يارىتىش جەريانىدىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ.

    3. «تورغاي» (麻雀) كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.714

    لى يىفېڭ، جوۋ دۇڭيۈ قاتارلىقلار بىرلىشىپ باش رول ئالغان جاسۇسلۇق خاراكتېرىدىكى ئىنقىلابىي تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى خەي فېيننىڭ ئەسلى ھېكايسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. ئاساسلىقى چېن شېننىڭ ۋاڭ ۋېي ئالاھىدە خادىم باش شىتاب باشلىقى بى جۇڭلياڭنىڭ يېنىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، «تورغاي»  مەخپىي نومۇرى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلقى ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋاڭ ۋېي ھۆكۈمىتىنىڭ «نۆلگە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنى «ئوغرىلاش» جەريانىدىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ.

    2. «قەدىرلىك تەرجىمان» (亲爱的翻译官) كۆرۈلۈش نىسبىتى 2.047

    ياڭ مى، خۇاڭ شۈەن قاتارلىقلار باش رول ئالغان كەسپ، مۇھەببەت سۆزلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى. بۇنىڭدا فىرانسۇز تىلى فاكۇلتېتىدىكى ماگىستىر چياۋ فېينىڭ تالانتلىق تەرجىمان چېڭ جياياڭنىڭ يېتەكلىشىدە، ئالىي دەرىجىلىك تەرجىمانغا ئايلىنىدىغانلىقى ھەمدە ئەسلىدىكى «ئەشەددىي دۈشمەنلەر»دىن ئاخىرىدىكى بىر جۈپلەرگە ئايلىنىدىغانلىقىدىكىدەك مۇھەببەتلىك ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ.

    1. «مى يۆ ھەققىدە قىسسە» (芈月传) كۆرۈش نىسبىتى 3.594

    بۇنىڭغا گۇەن شاۋلۇڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، سۈن لى، ليۇ تاۋ، فاڭ جۇڭشىن، خۇاڭ شۈەن، گاۋ يۈنشياڭ قاتارلىقلار بىرلىشىپ باش رول ئالغان. تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا جۇڭگو تارىخىىدىكى تۇنجى ئايال سىياسىيون مى يۆنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان، رىۋايەتلىك ھاياتىدىكى تۇرمۇش ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.

    بۇلاردىن باشقا يەنە، 2016-يىلى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شادلىق قەسىدىسى» كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.213 نەتىجە بىلەن 14-ئورۇنغا ئۆتكەن.




    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号