• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ»دىكى بىر قىسىم چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەر

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : ئۇيقۇت ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-24 18:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    «بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    تاڭ يەن باش رول ئالغان «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» (锦绣未央) جۇڭگودىكى تۇنجى توردا قويۇلۇش ئومۇمىي مىقدارى 40 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئايلاندى. بۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆرۈلۈش نىسبىتى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. بىراق، مۇشۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بىر قىسىم چېنپ قالغان كۆرۈنۈشلەر ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. بىلمىدىم، كۆپچىلىك بۇلارنى ھېس قىلالىدىمىكىن؟

    «ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى» بولغان تاڭ يەننىڭ قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» قويۇلغان كۈنىلا، «ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ يېڭى پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ تاڭ يەن رول ئالغان باش پىرسوناژ ۋېيياڭ تېخىمۇ شۇنداق...

    بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ يالغۇز «تېڭشۈن تورى»دىلا چېكىلىش مىقدارى ئاللىبۇرۇنلا بىر مىليارد 600 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئوخشاش ھەيران قالارلىق نەتىجە كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىماي قالمايدۇ. تۆۋەندە، بىز بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بىر قىسىم چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ باقايلى: 

    مەن پەقەتلا ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، قەدىمكى دەۋىرىدىكى ئاشۇ ۋاقىتلاردا خاسىڭ مېغىزى بارمۇ؟

    سول تەرەپتىكى سۈرەتتە، ئوقيا يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتكەندەك قىلىۋاتقانىدى، بىر ئۆرۈلۈپلا ئوقيا يوقاپ كەتتى، توختاڭلار، بۇ زادى نېمە ئىش!

    قەدىمكى دەۋىردە، قول سائىتى نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئەجىبا ئۇ ھازىرقى زاماندىن «ئۇچۇپ» ئۆتكەنمۇ-يا!

    سىنچىلاپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ يوشۇرۇن قەستكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلىسىز، چۈنكى دۈمبىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يوشۇرۇن قوراللار ساقلانغان.

    بىراق، بايامقى يوشۇرۇن قوراللار قەيەرگە كەتتى، ئەجىبا راستىنلا ئۇچۇپ كەتتىمۇ؟

    بۇ ھاراق رومكىسى چېقىلىپ كەتمىگەنمىدى، يەنە بىرى قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالدى؟




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号