• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    «شادلىق قەسىدىسى 2» تۇنجى قېتىم فىلىم سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

    مەنبە : ent.qq.comتەھرىر : نۇربىيە ئۇيقۇت ئىنكاس : 1يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-29 19:58

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    «تېڭشۈن تاماشا تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    «جېڭۋۇ قۇياش كىنوچىلىقى» ئىشلىگەن، ئا نەينىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، جيەن چۇەنخې بىلەن جاڭ كەيجوۋ قاتارلىقلار بىرلىشىپ رېژىسسورلۇق قىلغان، خىزمەت مەيدانىدىكى شەھەرلىك ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى تەسىۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شادلىق قەسىدىسى 2» (欢乐颂2)نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقىنىغا 3 ئاي بولدى. 28-سىنتەبىردىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى 10 نەپەر باش پىرسوناژ تۇنجى قېتىم نامايەن بولدى. 

    فىلىم سۈرەتلىرىدە، «بەش گۈزەل» ليۇ تاۋ، جياڭ شىن، ۋاڭ زىۋىن، ياڭ زى، چياۋ شىن قاتارلىقلار ئوخشىمىغان چىراي ئىپادىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىدىكى ئوخشىمىغان سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەن دى، چۈ شياۋشياۋ قاتارلىقلار قارىماققا شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا سىڭىپ كىرگەندەك قىلىدۇ. فەن شېڭمېي، چيۇ يىڭيىڭنىڭ تەقدىرى ئادەمنى سەل ئەندىشىگە سالىدۇ. مۇزىكا دۇنياسىغا مەپتۇن بولغان گۇەن چيۇئېر ئىختىيارسىز يېڭى بۆلۈمدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادىسى»نى ئەسلەپ قالىدۇ.

    ۋاڭ كەي، ياڭ شو، جاڭ لۇ، ۋۇ خاۋچېن، دېڭ لۇننىڭ فىلىم سۈرەتلىرىمۇ ھەر بىرەيلەننىڭ ئوخشىمىغان روھىي ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى. جاۋ چىپىڭ گەرچە سەل مىسكىن كۆرۈنسىمۇ، بىراق يەنىلا شۇنچىلىك كېلىشكەن ئىدى؛ باۋ يىفەن، ۋاڭ بەيچۇەن، يىڭ چىڭ قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىدە ئوخشىمىغان قېيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ؛ يېڭىدىن پەيدا بولغان ئوبراز شيې بىڭ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتتى. 

    ئىگەللىنىشچە، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى جىددىي سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە، چاغاندىن بۇرۇن سۈرەتكە ئېلىپ بولىندىكەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号