باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

7352يوللانما
18مەستانە

مىنگو نۇسخىسىدىكى «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»نىڭ كىلاسسىك ئېلان سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-31 13:00 0 ئىنكاس چۈشتى

«ۋاڭيى تاماشا تورى» 30-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇالۇبەينا، شاڭخەي چىڭپىڭگو كىنوچىلىقى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، خەن شۆ، فۇ شىڭبو، ماۋ لىنلىن، جان دەنفېڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» (乱世丽人行) كېلەر يىلى 2-يانۋار تىيەنجىن تېلېۋىزىيەسى، جياڭشى تېلېۋىزىيەسىدە ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلىدۇ. يېقىندا، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىر يۈرۈش كىلاسسىك شەخس ئېلان سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى.

كونا شاڭخەي نۇسخىسىدىكى ئېلان سۈرىتىدە چولپانلار ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە ھەقىقىي تەرىپىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەرتىۋىلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئەنسىز يىللاردىكى داۋلالغۇشلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

خەن شۆ رول ئالغان خەن شۇيىڭ بۇ چوڭ جەمەتنىڭ قىزى بولۇپ، ئىنچكە، نەپىس لاھىيەلەنگەن ئايالچە نىمچە كۆڭلەكتە ھازىرقى زاماندىكى قىسمەن مودا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.

فۇ شىڭبو ئۇچىسىدىكى ئەنگىلىيە ئۇسلۇبىدىكى چاقماق كاستيۇمدا ئۆزىنىڭ «ئىللىق ئەر» سالاپىتىنى نامايەن قىلغانىدى.

ماۋ لىنلىن تەبەسسۇمى ئارقىلىق ئاياللىق لاتاپىتىنى نامايەن قىلغانىدى.

جاڭ دەنفېڭ ئۇچىسىدىكى بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن كاستيۇم ۋە بىلىنەر-بىلىنمەس تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن بۇ شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى چىگىشلىكنى نامايەن قىلغانىدى. 

بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ لىن، دۇ جىگو، گاۋ شيۇڭ قاتارلىق پىشقەدەم ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالىدىغان بولۇپ، يېڭى كۈچلەر بىلەن پىشقەدەملەر ئوخشاش بىر سەھىنىدە مودا ۋە كىلاسسىك گىرەلەشتۈرۈلگەن «مىنگو نۇسخىسىدىكى» بۇ فىلىم كۆپچلىكنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号