• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    «سىرلىق رازۋېدچىك ھولمىس» 4-بۆلۈم 1-قىسمى قويۇلدى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : ئۇيقۇت ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-02 13:15

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    «بۈگۈنكى خەۋەلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    2017-يىل 2-يانۋار سەھەردە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان چېغىدا، بەلكىم بەزى مەستانىلەر سەھەردىلا كومپيۇتېرىنى ئېچىپ تۆت كۆزى بىلەن «سىرلىق رازۋېدچىك ھولمىس 4»نىڭ باشلىنىشى كۈتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سىرلىق رازۋېدچىك ھولمىس 4» رەسىمىي يوسۇندا 4:30 دا «يوۋكۇ» (优酷) سۇپىسىدا تۇنجى قويۇلدى. بۇ قېتىم جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئەنگىلىيە كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ماس قەدەمدە كۆرەلەيدۇ.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 4-بۆلۈم ئايرىم-ئايرىم «ساچىر خانىمنىڭ 6 پورترېتى» (六座撒切尔夫人像)، «يالغانچى رازۋېدچىك» (说谎的侦探) ۋە «ئەڭ ئاخىرقى قىيىن مەسىلە» (最后的谜题) قاتارلىق 3 قىسىمدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ھەربىر قىسىم تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋاملىشىپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى يېڭىلىنىدۇ.

    1-قىسىم «ساچىر خانىمنىڭ 6 پورترېتى»نىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 

    قىز پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولغان ۋاسېن بىلەن مارىي ھولمىسنى قىزىنىڭ تۇتۇق دادىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. پۈتۈن ئەنگىلىيەدىكى 6 يۈرۈش ساچىر خانىمنىڭ ھەيكىلى ئارقا-ئارقىدىن باشقىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلىپ، ھولمىس بار ئاماللار بىلەن جىنايەتچىنى تۇتقاندىن كېيىن، تاساددىپىي ھالدا بۇ جىنايەتچىنىڭ ھەقىقىي مەقستىنىڭ ۋاسېننىڭ ئايالى، سابىق ئالاھىدە خادىم مارىيدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئارقىسىغا زادى قانداق مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇنغان؟

    ئىگەللىنىشچە، «دوبەن» كىنوسىدا 1979 ئادەم «كۆردۇق» دەپ بەلگە قويغان بولۇپ، 9.3 نومۇر بەرگەن. بەزى كۆرۈرمەنلەر «يەنىلا ئەسلىدىكى پۇراق، ئەسلىدىكى تۇيغۇ» دېگەن. بىراق يەنە بىر قىسىم مەستانىلەر ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، «يوۋكۇ» تورىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. 

    سەمىمىي ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى «يوۋكۇ» تورىنىڭ ئەزالىرىلا ماس قەدەمدە كۆرەلەيدىغان بولۇپ، ئەزا بولمىغانلار بىر ھەپتىدىن كېيىن كۆرەلەيدۇ.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号