• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2017-يىلى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى

    مەنبە : myzaker.comتەھرىر : zulpiye ئىنكاس : 36يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-02 23:41

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بىرىنچى: ئالاھىدە خادىم چۇ چياۋ بانۇ قىسسىسى (特工皇妃楚乔传)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: جاۋ لىيىڭ (赵丽颖)، لىن گېڭشىن (林更新)، دوۋ شىياۋ (窦骁)، لى چىن (李沁)
    ئالاھىدە خادىم چۇ چىياۋ بانۇ قىسسىسى ناملىق بۇ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ فىلىمدە باش پېرسوناژ چۇ جياۋنىڭ ئادەتتىكى بىر دېدەكتىن داڭلىق ئايال ئالاھىدە خادىمغا ئايلىنىش تارىخى سۆزلىنىدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئايال كىشىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، بۇ فىلىم تاكتىكا ۋە جاسۇسلىقنى ئاساسلىق تۇتقا قىلغاچقا، كىشىگە بىرخىل يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.


     ئىككىنچى: تەڭرىنىڭ تاللىشى (择天记)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: گۈلنەزەر، لۇ خەن (鹿晗)، ۋۇ چيەن (吴倩)، شۈ لىڭيۆ (许龄月)
    ئەۋلىيالارنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىك ئىشلىرى ئاساس قىلىنغان فىلىم ئىزچىل تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارشى ئېلىشقا ئېلىنىدىغان فىلىم تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ فىلىم لۇ خەن باش پېرسوناژ بولۇپ ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم. ئايال باش پېرسوناژ بولسا تاماشا چەمبىرىكىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان چولپان گۈلنەزەر. بۇلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى بۇ فىلىم چوقۇم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.


     ئۈچىنچى: رۇيى قىسسىسى (如懿传)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: خو جيەنخۇا (霍建华)، جوۋ شۈن (周迅)، چېن خاۋيۈ (陈昊宇)، ۋۇ جۈنمېي (邬君梅)، دوڭجې (董洁)
    رۇيى قىسسىسى بولسا  جېنخۇەن قىسسىسى (甄嬛传) نىڭ ئاپتورى يازغان ئېسىل ئەسەر. بۇ فىلىمدە چىيەنلوڭ خان تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جېڭخۇەن خان ۋالىدە بولۇپ، چىيەنلوڭ خاننىڭ ھەرەمخانىسىدىكى رۇيى بانۇ ۋە باشقا بانۇ ئاغىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تالاش-تارتىشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان.


    تۆتىنچى:  يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قەدىمى شەھەر (鬼吹灯之精绝古城)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: جىن دوڭ (靳东)، چېن چياۋئېن (陈乔恩)، جاۋ دا (赵达)، فۇمېي (付枚)
    يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قەبرە ئوغرىلاش تىپىدىكى فىلىملەرمۇ ئىزچىل تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارشى ئېلىشقا ئېلىنىدىغان فىلىم تۈرلىرىدىن. بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى لاڭيا تىزىملىكى (琅琊榜) ناملىق فىلىمىنى ئىشلىگەنلەر بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىدە گەپ يوق.


    بەشىنچى:  شادلىق قەسىدىسى 2 (欢乐颂)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: ليۇ تاۋ (刘涛)، جياڭ شىن (蒋欣)، ۋاڭ زىۋېن (王子文)، ياڭ زى (杨紫)، ۋاڭ كەي (王凯)، جىن دوڭ (靳东)
    بىرىنچى بۆلۈم شادلىق قەسىدىسى فىلىمى 22- قەۋەتتىكى بەش قىزنىڭ دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھېكايىسى كۆپچىللىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتى ياراتتى. بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمدە بۇ بەش قىزنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.

     

    ئالتىنچى:  چەبدەس مەست (醉玲珑)
    ئاساسلىق ئارتىسلىرى: چېن ۋېيتىڭ (陈伟霆)، ليۇ شىشى (刘诗诗)
    بۇ فىلىمنىڭ ھېكايىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلغان. يەنە كېلىپ بۇ فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى ليۇ شىشى داڭلىق چولپان. شۇڭلاشقا بۇ فىلىممۇ چوقۇم ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.




    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号