باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9468يوللانما
645مەستانە

«ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى 13 قىسمى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-06 11:44 0 ئىنكاس چۈشتى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر HBO نۆۋەتتىكى 7-بۆلۈم «ھوقۇق ئويۇنى» (权力的游戏) فىلىم ئۇزۇنلۇقىنى ئەسلىدىكى 10 قىسىمدىن 7 قىسىمغا قىسقارتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قويۇلۇش ۋاقتىمۇ ئالدىنقى ۋاقىتتىلارنىڭكىدىن خېلىلا كېچىكىپ كەتتى. بۇنداق خەۋەرلەر ئەلۋەتتە مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي قالمايدۇ.

بىراق يېقىندا «چوڭ ئېيىق» چاۋلا مولمونتنىڭ رولىنى ئالغان لايىن گىلېننىڭ (Iain Glen) بىر قېتىملىق زىيارىتى مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئارتىسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 7 قىسىملىق مەزمۇن ئىشلەپ، كېلەر يىلى 6 قىسىملىق مەزمۇن ئىشلىشى مۇمكىنكەن. بىراق ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە بىلىدىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ يەنە 15 سائەتلىك فىلىم كۆرۈنۈشى بار ئىكەن. 

ئىلگىرىكى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، ئېشىپ قالغان ئىككى بۆلۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسمىنىڭ فىلىم ئۇزۇنلۇقى چوقۇم ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ 3 سائەت ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بولسا، HBO ھەربىر قىسىمغا ئازىراق ۋاقىت قوشۇشى مۇمكىن. 

بىراق گىلېن يەنە ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەلكىم بۇ 15 سائەتمۇ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بولماسلىقى مۇمكىن، دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号