باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

11 يازغۇچى «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» تېلېۋىزىيە سىنارىيەسى ئۈستىدىن بىرلىشىپ ئەرز قىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-06 17:28 0 ئىنكاس چۈشتى

«ۋاڭيى تاماشا تورى» 5-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 تاڭ يەن 33 يېشىدا لو جىن بىلەن مۇھەببتىنىنى ئاشكارىلىدى. ئىككەيلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» (锦绣未央) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئويۇن راستقا ئايلىنىپ، كۆپچىلىككە ئاشكارىلانغان بۇ مۇھەببەت مەستانىلەرنىڭ قىزغىن بەخت تىلىشىگە ئېرىشتى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ «پۈتۈشكەن» فىلىمى قويۇلۇش داۋامىدا، كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان دېگەن گەپ سۆزلەر ئۈزۈلۈپ باقمىدى. يېقىندا يەنە 11 نەپەر يازغۇچىنىڭ پۇل غەملەپ، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى ئۈستىدىن بىرلىشىپ ئەرز قىلغاندىكى خەۋىرى تارقالدى. 

تاڭ يەن باش رول ئالغان «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ»دا ھالاك بولغان دۆلەت مەلىكسىنىڭ جاپالىق جەريانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەت خانىشى بولغاندىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىلا، تورداشلار بۇنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ 200 نەچچىدىن ئارتۇق ھېكايىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىنلا، 11 يازغۇچى بىرلىشىپ 100 مىڭ يۈەن غەملەپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى، دەپ ئەرز سۇنغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو تەكشۈرۈلمەكتە.

بۇ ۋەقەگە قارىتا، «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاپتورى چىن جيەن ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەتتا كىيىم-كېچەك تەسۋىرى ۋە سۈپەت سۆزلىرىمۇ تەقلىد قىلىنماسلىقى كېرەك. مەن بۇ نۇقتىغا قارىتا، بارلىق يازغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىراق، سىنارىيەدىكى 2 مىليون 700 مىڭ خەتلىك ۋەقەلىك ئاساسەن مېنىڭ خاس ئىجادىيەتىم، ئەگەر ئوخشاشلىق بار دېيىلسە، ئۇ پۈتۈنلەي تاساددىپىيلىق، قالغان ئىشلار فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ كۆرلۈشىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندىكى بىر قىسىم ھەرىكەتلىرىگە باغلىق، دېگەنىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号