• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئاسلې ئەنۋەر «ئىستانبۇللۇق كېلىن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ

    مەنبە : haberler.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 1يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 18:02

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    يېقىندا، مول ھوسۇللۇق رېژىسسور ئۆزجان دېڭىز (Özcan Deniz) رېژىسسورلۇق قىلغان «ئىستانبۇللۇق كېلىن» (İstanbullu Gelin) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ.

    مەريەم ئۇزەرلى ۋە ئاسلې ئەنۋەر رول ئالغان «يەنە بىر تەرەپ» (Öteki Taraf) ناملىق فىلىمنى تاماملىغان ئۆزجان دېڭىز ئاسلې ئەنۋەرنىڭ ( Aslı Enver) بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، فىلىم ئىشلەش شىركىتىگە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇلارمۇ ئۆزجان دېڭىزنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.

    ئاسلې ئەنۋەر سىنارىيەنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىشقا قوشۇلدى ۋە ئالدىنقى كۈنى فىلىم سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپ كەتتى.

    ئۆزجان دېڭىز بىلەن ئاسلې ئەنۋەرنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بىر-بىرىگە ماسلىشىشى ۋە خۇشال كەيپىياتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 

    بۇرسادىكى باي ۋە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئائىلىدە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت ھېكايىسى باش تېما قىلىنغان «ئىتسانبۇللۇق كېلىن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بولۇپ، سىنارىيەسىنى داڭلىق سىنارېست ئەلى ئايدېن يازغان.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号