باش بەت

قىسمەت

675يوللانما
2مەستانە

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سوۋېت-گېرمان جېڭى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 8 نادىر كىنو

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 13:23 0 ئىنكاس چۈشتى

«ئاق رەڭلىك يولۋاس» فىلىمىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. كىنودا بىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تانكا قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئاق يولۋاس» ناملىق تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلاش جەريانى سۆزلىنىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنى كۈندىن-كۈنگە چارچىتىدۇ. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ تىپتىكى تانكىسى «ئاق يولۋاس» كەينى-كەينىدىن سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ تانكلىرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى تانكا ياساپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن قارشىلاشماقچى بولىدۇ...

«ھەل قىلغۇچ جەڭ». سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، پولشا چېگرىسىدىكى بېلورۇسىيەنىڭ كىچىك شەھىرى بىرېتسىكايا ئالدى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسى زەمبىرەكلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. لېكىن قوغدىغۇچى قىسىملار ئۆزلىرىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئالىدۇ. ئۇرۇش داۋاملىشىپ 30-كۈنىگە قەدەم قويغاندا بۇ يەرنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان قىسىملار يەنىلا بۇ يەرنى چىڭ ساقلايدۇ ھەمدە ئىزچىل باش قوماندانلىق شىتابىغا «بۇ يەر ناھايىتى مۇھىم، ھازىر جىددىي كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ...

«لېنىنگرادقا ھۇجۇم قىلىش». 1941-يىلىدىكى ساينت پېتېربۇرگدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايال ساقچىلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ جاسۇس، ئىشپىيۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئايال مۇخبىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېرالىنىڭ قىزى ئاچلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرلەيدۇ. مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتىمۇ ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىككى نەپەر ئايال باش پېرسوناژ ئەڭ ئاخىرىدا «ھالاكەت شەھىرى»دە قېلىشنى تاللايدۇ.

«سىتالىنگراد». رۇسىيەنىڭ تۇنجى IMAX-3D تېخنىكىسى قوللانغان چوڭ ئېكرانلىق فىلىم. بۇ فىلىمدە بولسا 1942-يىلى كۈزدە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ گېرمانىيە ئارمىيەسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دەريادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن ھەم گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدا ئامان قالغان بىر نەچچە نەپەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكىرى گېرمانىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان بىر ئۆيگە يوشۇرۇن كىرىپ، بۇ يەردە بىر رۇسىيەلىك قىزغا ئۇچرايدۇ...

«قەھرىمان روتا». بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە ئىككى دىۋىزىيە قوشۇن، 5000 ئەسكەر، 200 تانكا، 300 ئايروپىلان قاتناشقان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كاۋكاز تۈزلەڭلىكىنى قوغداش جېڭى بايان قىلىنغان. 1944-يىلى بېلۇرۇسىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر نامسىز ئېگىزلىكتە بىر قېتىملىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىھكام ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ. ئېگىزلىكنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى بىر جىنايەتچىلەر ۋە جازا ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن قەھرىمان روتىنى تەشكىللەيدۇ، ئۇلار مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تېنى ۋە قېنى بىلەن مۇنتىزىم ئارمىيەنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ.

«بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت». 1942-يىلى يوژاكوۋ كاپىتان بىر قىسىم ئايال مەرگەنلەرنى ئېلىپ بىر خىلۋەت پويىز ئىستانسىسىنى ساقلايدۇ. ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن چوڭ قىسىمنى قوغداش، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئۈچۈن كاپىتان يوژاكوۋ بىلەن بەش ئايال جەڭچى گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن قەيسەرلىك بىلەن سازلىق، ياۋا ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ھايات-ماماتلىق بىلەن ئېلىشىدۇ... تۇيۇقسىز بىر ئايال ئەسكەر سازلىققا چۆكۈپ كېتىدۇ... تۇيۇقسىز يەنە بىر ئايال ئەسكەرگە ئوق تېگىدۇ... تۇيۇقسىز ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاشىق- مەشۇقلىرىنى سېغىنىدۇ، شېرىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، قانغا مىلىنىپ كېتىدۇ...

«جەڭ مەيدانىدىكى بالىلار». 1943-يىلى بىر توپ ئەسلىدىنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر تاللاپ چىقىلىپ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەر تەشكىللىنىدۇ ھەمدە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ Eidelveis دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسمىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇ ۋەزىپە ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ نەرسىنى بىلىپ كەتسە بولمايدۇ...

«ئەڭ ئاخىرقى برونىۋىك». 1941-يىلى گېرمانىيە فاشىستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ساختا قىياپەتتە ياسىنىۋالغان گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئوت كۈچىگە زامانىۋى برونېۋىك نېمىسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. مەمۇرىي تەكشۈرۈش ئەمەلدارى گېرمانىيە تاجاۋۇزچى قىسمىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ بۇ يەردە بەش نەپەر سالاھىيىتى ھەر خىل ناتونۇش ئادەم بىلەن بىللە قانلىق جەڭ قىلىپ، بۇ ئوت كۈچى كۈچلۈك بولغان برونېۋىكنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号