• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن ئارال تارتىۋېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەكبەر ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 13:19

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر تارماق ئالاھىدە قىسىمى بىلەن ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراشوتچىلار قىسىمى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ئارال تارتىۋېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋىر ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەسىدىكى قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ناراشىنو مانېۋىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنى، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 15 نەپەر ئالاھىدە قىسىم خادىمىنى ئىشقا سالغان، ئۇلار ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىن يەرگە ئارغامچە بىلەن چۈشكەن.

    ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سەرخىل قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرىنچى پاراشوتچىلار ئەترىتىمۇ مىڭغا يېقىن خادىمىنى ئىشقا سالغان، ئۇلار دۈمبىسىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ 300 مېتىر ئېگىزلىكتە ترانسپورت ئايروپىلانىدىن پاراشوت بىلەن چۈشكەن.

    ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان. مانېۋرغا قاتناشقان ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتى بىرىنچى پاراشوتچىلار قىسىمىنىڭ ئىككى مىڭ ئەتراپىدا خادىمى بار، ئارالنى تارتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان سەرخىل قىسىم دەپ قارىلىدۇ.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقىسى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيە ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ بىرىنچى قېتىم ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى بىلەن بىرلەشمە ئارال تارتىۋېلىش مانېۋىرىغا قاتنىششى ئىكەن، بۇ ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك كاپالىتى شەرتنامىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئارالنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号