باش بەت

ئىرپان

2017يوللانما
4مەستانە

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى T-50 ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇ يىل ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 16:30 0 ئىنكاس چۈشتى

پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خەلقئارا ئېنتىرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 دانە T-50 رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇ يىل رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قوشۇلۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىكەن. ھەربىي سانائەت كەسپىدىكى كىشىلەر 6-يانۋار خەلقئارا ئېنتىرفاكس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى 12 ئاي ئىچىدە 100دىن ئارتۇق يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىدىكەن.

ئۇچۇر تەمىنلىگەن بۇ خادىم: «2017-يىلى ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى 100 نەچچە يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىلىق ئەسلىھەسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، 5 دانە T-50 رادارغا چۈشمەش ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان توختامدا 5 دانە PAK-FA ئايروپىلانىنىڭ دۆلەت سىنىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئارمىيەگە تەمىنلىنىشى، كېيىن T-50نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش بەلگىلەنگەن.

T-50 رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى (PAK-FA) سۇخوي شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان رۇسىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد كۆپ خىل قوللىنىشقان ئۇرۇش ئايروپىلانى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号