• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ھىندىستان ۋېيتنامغا ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىپ بېرىشنى ئويلاشماقتا

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەكبەر ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 17:06

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋېيتنامغا ھىندىستان ئۆزى ئىشلەپچىقارغان «ئاسمان» ناملىق يەردىن ھاۋاغا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان يادرو تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىغا كىرىش ھەمدە قوراللىق تەشكىلات «مۇھەممەد ئارمىيەسى»نى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىشىدا جۇڭگونىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ھەمدە جۇڭگو ھىندى ئوكياندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەتكەن پەيتتە، ھىندىستان «جۇڭگونىڭ ئارقا ھويلىسى»دا ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن. ھىندىستان نۆۋەتتە ياپونىيە ۋە ۋېيتنام بىلەن «ئىستراتېگىيە ۋە ھەربىي شېرىكلىك مۇناسىۋەت»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە.

    ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان ۋېيتنام بىلەن «ئاسمان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئالاقىدار ئىشنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 25 كىلومېتىر، دۈشمەن ئۇرۇش ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇيالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھىندىستان ۋېيتنامغا «بىراھموس» ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە «Varunastra» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تورپېدا سېتىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

    بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان بۇ يىلدىن باشلاپ ۋېيتنام ئارمىيەسىنىڭ Su-30 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىدى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، ھىندىستان ۋېيتنام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ماتروسلىرىنى Kilo دەرىجىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنى مەشغۇلات قىلىشنى مەشىقلەندۈرگەن ئىدى.

    ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پالكارنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىككى تەرەپلىك مۇداپىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ھەربىي ھازىرلىقتىن ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى قاپلىغان.

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ۋېيتنام «ئاسمان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا قاتتىق قىزىققان ھەمدە مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تېخنىكىسىغا ئېرىشىپ، بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈمىد قىلغان.

    ھىندىستانلىق ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىنىڭ دېيىشىچە، ئالاقىدار سۆزلىشش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، «ئاسمان» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئاسان تۈزگىلى بولىدىكەن، چۈنكى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاس نىسبىتى %96كە يەتكەن. ئەمما «بىراھموس» باشقۇرۇلىدىغان بومبسىىنى سېتىش ھەمدە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش نىسبەتەن مۇرەككەپ، چۈنكى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۆپ قىسىم زاپچاسلىرى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号