باش بەت

ئەكبەر

1881يوللانما
2مەستانە

پىراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 21:32 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 7-كۈنى پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئادەم يارىلىنىش كۆرۈلدى ھەمدە بىر-بىرىنى ئەيىبلەشتى.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بېلوروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم ئامما ئېتىقاد قىلىدىغان پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى 8-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئېتىشقان، قوراللىق ئۇنسۇلار ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە 72 قېتىم ئوق چىقارغان.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇرىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇش ئىككى تەرەپ توقۇنۇش لىنىيەسىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 6 ئەسكىرى ئېتىشىشتا يارىدار بولغان. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەر ئېغىر قوراللارنى ئىشلەتتى، مارىيۇپول يۆلىنىشىگە 112 كالبېرلىق توپ ئوقى ئىشلەتتى، دونىستىك يۆلىنىشىگە 82 كالبېرلىق مىناميوت ئىشلەتتى، دەپ ئەيىبلىدى.

رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دونىستىك خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى 8-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ توقۇنۇش لىنىيەسىنىڭ ئەتراپىدا 491 قېتىم ئېتىشقان، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 150 پاي توپ ئوقى ئاتقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号