• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    iPhone 7نىڭ كامېراسىنى ياسىغان شىركەتنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى

    مەنبە : cnbeta.comتەھرىر : جۇشقۇنجان ئىنكاس : 3يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 21:16

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئالمىنىڭ iPhone 7 يانفونىنىڭ كامېراسىنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت Largan Precision ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى تىجارەت كىرىمىنىڭ 5 مىليارد 446 مىليون يېڭى تەيۋەن پۇلى (تەخمىنەن 1 مىليارد 180 مىليون يۈەن)غا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ 2015-يىلى 11-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۇقىرى كىرىم ياراتقان ئاي بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ سان 11-ئايدىكىدىن %4.5 ئاشقان، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %36.87 ئاشقان، بۇ كىرىم ئاساسلىقى iPhone 7نىڭ سېتىلىشىدىن كەلگەن.

    كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق نۇسخىدىكى iPhone 7S ۋە iPhone 8نىڭ زاكاز مىقدارى بۇ شىركەتنىڭ كىرىمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ شىركەت ئېرىشكەن %70 زاكاز 10 مىليون پىكسىللىق كامېرادۇر، %20دىن يۇقىرىراق زاكاز بولسا 8 مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ زاكىزىدۇر، 5 مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ زاكاز مىقدارى بولسا %10دىن تۆۋەن. 

    Largan شىركىتنىڭ دوكلاتى يېقىنقى «ئايفوننىڭ زاكاز تالونى ئازلاپ كەتتى» دېگەن خەۋەر بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، بۇ بەلكىم ئايفوننىڭ پىشىپ يېتىلىش دەۋرى ۋە پارچە سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دوكىلاتىدا دىيىلىشىچە ئايفون زاپچاسلىرىنىڭ زاكاز مىقدارى %10 تۆۋەنلىگەن، ئەمما ھەقىقى زاكاز مىقدارىنى پەقەت ئالما شىركىتىلا ئېنىق بىلىدۇ. 

    2016-يىلى 5-ئايدا Largan شىركىتى بىر چوڭ خېرىدارىنىڭ زاكاز مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكىنىدىن ئاغرىنغان، سىرتقى دۇنيادىكىلەر بۇ چوڭ خېرىدارنى ئالما شىركىتى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئىدى. Largan شىركىتى  بولسا ئالما شىركىتىمۇ خاپا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان. ئۆتكەن يىلى يازدا ئالما شىركىتى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى زاپچاسلانىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان چاغدىمۇ، Largan شىركىتىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزمىگەن. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号