• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تارتىش كۈچى دولقۇنىنى كۆزىتىش پونكىتى شىزاڭدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى

    مەنبە : cnbeta.comتەھرىر : جۇشقۇنجان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 22:46

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنى كۆزىتىش پونكىتى يېقىندا شىزاڭنىڭ ئالى رايونىدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىمالىي يېرىم شاردىكى دەسلەپكى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى كۆزىتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنىنى كۆزىتىش تەتقىقاتىنى خەلقارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مىكرو دولقۇنلۇق كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالى رايونى بولسا دۇنيا بويىچە نوپۇس ئەڭ شالاڭ رايونلارنىڭ بىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر، ھاۋاسى قۇرغاق، ئالاھىدە تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ۋە رەسەتخانا ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئىگە. شىمالىي يېرىم شاردىكى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى كۆزىتىشكە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى  ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ تۈرگە دۆلەتلىك  يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنى باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، دۆلەتلىك رەسەتخانا، شاڭخەي ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى، دۆلەتلىك رەسەتخانىنىڭ شىچۈەنخې كۆزىتىش پونكىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇشقا قاتناشقان. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ تۈرگە جەمىي بىر يۈز ئوتتۇز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

    2016-يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قارا ئۆڭكۈرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ بايقاش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش تارىخىدىكى مۇھىم بىر بۆسۈش نۇقتىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئالى رايونى تۈر قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىشقا تۈرتكە بولدى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号