• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    HTC U Play يانفونى كۆك چىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى

    مەنبە : cnbeta.comتەھرىر : جۇشقۇنجان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 23:21

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    HTC شىركىتى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن HTC U نۇسخىلىق يانفون مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، كونكىرېت ۋاقتى بولسا 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شۇ كۈنكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا HTC شىركىتى HTC U Ultra、HTC One X10 ۋە HTC U Play قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىدىكى يانفون مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەڭ يېڭى دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە HTC U Play نۇسخىلىق يانفون يەنە HTC Alpine دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يېقىندا كۆك چىش SIG تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. مەلۇم بولۇشىچە HTC U Play نۇسخلىق يانفونغا 5.2 دىيۇملۇق كامىرا سەپلەنگەن، 3.5mmلىق ئۆلچەمدىكى تىڭشىغۇچ تۆشۈكى چىقىرىپ تاشلانغان، بۇ ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇپ قالغان. 

    مەلۇم بولۇشىچە HTC U Play نۇسخىلىق يانفون بەلكىم HTC شىركىتنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بۇ يانفوننىڭ ئىسمىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇ بىر كۈچەيتىلگەن ئوتتۇرا ھال سەپلىمىلىك يانفون بولۇپ، ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى كۈچلۈك. HTC شىركىتى پات ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان U Ultra نۇسخىلىق يانفون ئەمەلىيەتتە بىر بايراقدار دەرىجىلىك يانفون بولىشى مۇمكىن، ئەمما سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ بۇ يانفون توغرىسىدا بىلدىغانلىرى كۆپ ئەمەس، بۇ يانفوننىڭمۇ 3.5mm ئۆلچەمدىكى تىڭشىغۇچ تۆشۈگى چىقىرىپ تاشلانغان بولىشى، ئېكرانىغا 6 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىشى مۇمكىن.

    One X10 نۇسخىلىق يانفونمۇ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ يانفونغا بەلكىم يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكلى 5.5 دىيوملۇق ئېكران،

    ئاساسى چاستوتىسى 1.9GHz بولغان MT6755 تىپلىق  سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GBلىق ئاساسى سىغىم بوشلۇقى، 16 مىليون پىكسىللىق كەينى يۈزى ئاساسى كامىراسى، 8 مىليون پىكسىللىق ئالدى يۈزى قوشۇمچە كامىراسى سەپلىنىشى مۇمكىن. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号