• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئەڭ يېڭى نوكىيا 6 يانفونىمۇ بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشاشلا «ياڭاق چاقالايدۇ»

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 22يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 23:58

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    HMD يېقىندا نوكىيانىڭ تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى «نوكىيا 6»نى ئېلان قىلدى، بۇ يانفون 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىغان بولۇپ، ھازىر جىڭدوڭ تور سودا شەھەرچىسىگە كىرىپ بولدى، باھاسى 1699 يۈەن.

    نوكىيا تىلغا ئېلىنسا ئېسىمىزگە «ياڭاق چاقالايدۇ»، «ئوق توسالايدۇ»، «يەرگە چۈشسىمۇ چېقىلمايدۇ» دېگەندەك سۆزلەر كېلىدۇ، نوكىيا يانفونلىرىنىڭ «چىداملىق»، «پۇختا» دېگەن ماركىسى نۇرغۇنلىغان سادىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

    يانفون بازىرىدىن خىلى ئۇزۇن چېكىنگەندىن كېيىن نوكىيا بۇ قېتىم يېڭى يانفونى بىلەن قايتىپ كەلدى. بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان بولۇشى تەبىئىي. تۈنۈگۈن نوكىيا شىركىتى ئابۇنتلارنىڭ نوكىيا 6گە نېمە ئۈچۈن سنەپدراگون 430 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىگەنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۈگۈن نوكىيانىڭ ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگى يېڭى نۇسخىدىكى نوكىيا يانفونىنىڭ ئوخشاشلا «ياڭاق چاقالاش»تەك «ئېسىل ئەنئەنە»سىگە ۋارسلىق قىلغانلىقى، يەنى نوكىيا 6 يانفونىنىڭ 150 نىيۇتون بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بازاردىكى بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك يانفونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى!

    ئۇندىن باشقا بۇ يانفون نۆلدىن يۇقىرى 85 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇسقىچە بولغان ناچار مۇھىتقا چىدامچان بولۇپ، قىشتا كۈنلەپ-كۈنلەپ سىرتتا ئىشلەتكەندىمۇ يانفوننىڭ مۇزلاپ ئۆزلۈكىدىن تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئىكەن.

    نوكىيا 6 يانفونى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ، بەزى تورداشلار ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېيىشتى: «ياڭاقنى تەييارلاپ قويدۇق، چاقىدىغانغا پەقەت نوكىيا 6لا كەم.»




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号