• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    Moto G5 Plus يانفونىنىڭ سۈرىتى ۋە سەپلىمىسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 09:33

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    Droid-life تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، Moto ماركىسىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، موتورولا شىركىتى بۇ يىل داۋاملىق تۈردە Moto G مەھسۇلات لىنىيەسىنى يېڭىلاپ، G5 ۋە G5 Plus دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوتتۇرا سەپلىمىلىك يانفوننى ئېلان قىلىدىكەن. G5 Plus يانفونىنىڭ ئەمەلىي سۈرىتى يېقىندا توردا ئاشكارىلىنىپ كەتتى.

    سۈرەتتە كۆرگىنىمىزدەك، ئاتالمىش Moto G5 Plus يانفونىنىڭ شەكلى بۇرۇن ئاشكارىلانغان موتورولا Moto X 2017 يانفونىنىڭ لايىھەسى بىلەن بىردەك، ئەمما ئۇنىڭغا سەپلەنگەن Micro-USB ئۇلىنىش ئېغىزى ۋە سىرتقى شەكلىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ بىر ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يانفون ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ تىپى XT1685 بولۇپ، ھازىرچە تېخى بازارغا كىرمىگەن، 3-ئايلاردا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

    XT1685 تىپلىق بۇ يانفونغا پەرق ئېتىشچانلىقى FHD بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، سنەپدراگون 625 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، بەش مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا، 13 مىليون پىكسېللىق كەينى كامېرا، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GBلىق ساقلاش سىغىمى ۋە 3080mAhلىق باتارېيە قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن، بارماق ئىزىنى تونۇيدىغان بولۇپ، ئاندىرويىد 7.0 ئالدىن قاچىلىنىدىكەن.

    چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ يانفوننى Moto X ئەمەس، بەلكى Moto G ئائىلىسىدىكى يانفونلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىكەن دەپ قارىدى. بۇ يانفوننىڭ ئالدى يۈزىگە ئېللىپىس شەكىللىك Home كۇنۇپكىسى ئىشلىتىلگەن، ئارقا يۈزى Moto Z يانفونىغا ئوخشاش «Oreo» (ئامېرىكىدىكى ئەڭ بازارلىق پىرەنىك) شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، Moto جەمەتىدىكى يانفونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号