• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    چاۋشيەننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش بېشارەتلىرى بايقالمىدى

    مەنبە : news.xinhuanet.comتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 11يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 10:15

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    كورېيە بىرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى Juun. Jنىڭ 9-يانۋار مۇخبىرلار يىغىنىدا ئېيتىشىچە، چاۋشيەن قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىدىغانلىق تەھدىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان، كورېيە چاۋشيەننىڭ يادروسىز يولغا مېڭىشىغا يەنە بىر قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلغان، لېكىن كورېيە «چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىدىغانلىق بېشارەتلىرىنى تېخى بايقىمىغان.»

    Juun. Jنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋشيەن يېقىندا «قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى خالىغان چاغدا سىناق قىلىمىز» دەپ تەھدىت سالغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ھەم سىناق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئامېرىكىغا ئارتىپ قويۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    9-يانۋار كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش بىرەسمىي يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، كورېيە ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چاۋشيەن بومبىنى ئېتىشتا چىڭ تۇرسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق جازاسى ۋە بېسىمىغا ئۇچرايدىكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورېيە ئارمىيەسى كورېيە بىرلەشمە كۆزىتىش كۈچىنى چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىۋېتىپتۇ.

    چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 8-يانۋار چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش تەييارلىقى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، خالىغان چاغدا ئاتىدۇ، دېگەن. چاۋشيەننىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ بارغانسېرى ئاشكارىلىنىۋاتقان يادرو ئۇرۇشى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئامېرىكا بولسا چاۋشيەنگە بولغان جازانى چىڭىتىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش تەييارلىقىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» ۋە «تەھدىت» دېدى. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号