باش بەت

زورىگۈل

5588يوللانما
4مەستانە

فىلىپپىن بىلەن رۇسىيە 2017-يىلى ئەتىيازدا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 11:32 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لورېنزانا 9-يانۋار دېيىشىچە، فىلىپپىن بىلەن رۇسىيە 2017-يىلى ئەتىيازدا زۇڭتۇڭ دۇتېرت رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن ئىكەن.

لورېنزانانىڭ 9-يانۋاردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن كېلىشىمنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈزۈتۈۋاتقان بولۇپ، ھەمكارلىق كېلىشىمى بۇ يىل 4-، 5-ئايلاردا ئىمزالىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كېلىشىم تۈزۈلسە فىلىپپىن بىلەن رۇسىيە ھەربىي مانىۋېر، خادىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەربىي پارات قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىدىكەن.

لورېنزانانىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى 1-ئايدا فىلىپپىننى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ فىلىپپىنغا قورال سېتىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىدىكەن.

لېكىن ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، فىلىپپىن بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كېلىشىمى پەقەت «ھەربىي ھەمكارلىق»لا بولۇپ، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان ھەربىي كېلىشىمگە ئوخشىمايدىكەن، مەسىلەن، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا 1951-يىلى ئىمزالىغان «ئورتاق مۇداپىيە كېلىشىمى».

فىلىپپىن-ئامېرىكا «ئورتاق مۇداپىيە كېلىشىمى»گە ئاساسەن بىر تەرەپ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا يەنە بىر تەرەپنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەرەپنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى مانىلاغا كەلگەن. زۇڭتۇڭ دۇتېرت پاراخوتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان ھەم رۇسىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ «دائىم كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号