• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2017-يىلىدىكى يانفونلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : جاھانكەزدى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 12:17

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    2017-يىلىدىكى يانفونلار تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ. دۇنيادىكى يانفون يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئېقىمىغا ئاساسەن، بۇ بىر يىلدىكى يانفونلارنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى پەرەز قىلىپ باقايلى. 

    1. ئەگرى يۈزلۈك يانفونلار (曲面屏手机)

    2016-يىلى سامسۇڭ S6، S7 ۋە Vivo Xplay6 قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئەگرى يۈزلۈك يانفونلار مەيدانغا كەلدى، گەرچە ئەگرى ئېكران ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، بىراق يەنىلا يانفونلارنىڭ سىرتقى شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى بىر خىل بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ ھەمدە تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئېگىشىپ، ئەگرى ئېكران بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ تېخىمۇ كۆپ 1000 يۈەن ئەتراپىدىكى يانفونلارنىڭمۇ ئەگرى ئېكران ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

    2. پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون (全面屏手机)

    مەملىكىتىمىزنىڭ يانفون بازىرىدا بىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ نېمە ياخشى سېتىلسا ھەممىسى شۇنى ئىشلەپچىقىرىش. ئۆتكەن يىلدىكى شياۋمى MIX پۈتۈن ئېكرانلىق ئۇقۇم يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2017-يىلى تېخىمۇ كۆپ يانفون زاۋۇتلىرى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىشقا يۈرۈش قىلىدۇ. 

    3. سىستېمىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ 

    ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ قاتتىق دېتال پەرقى بارغانسېرى كىچىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ يانفون زاۋۇتلىرى مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۈچ چىقىرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا خۇاۋېي mate9 ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنەلەيدىغان بولۇپ، سىستېمىنى ئىشلەتكەنسېرى راۋانلىشىپ كېتىدىكەن. ھەر قايسى يانفون زاۋۇتلىرى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە سىستېما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىمىيلەشكەن «ئەقلىي سىستېما» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باش ئاغرىقىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىدۇ. 

    4. كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) مەۋھۇم رېئاللىق (VR)نىڭ ئورنىنى ئېلىپ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ 

    كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) ۋە مەۋھۇم رېئاللىق (VR) يېقىنقى يىللاردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەتتا قىزىل بولاق تالىشىشتىمۇ AR ئىشلىتىلىۋاتقان يەردە، يانفون قانداقمۇ ئارقىدا قالسۇن؟ 

    ئۆتكەن يىلى VRنىڭ يانفونلاردا ئىشلىتىلىشى تازا كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولمىدى، 2017-يىلى تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن، بىراق VR قىزغىنلىقى ئاللىقاچان تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، 2017-يىلى AR تېخنىكىسىنى قوللايدىغان يانفونلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، AR تېخنىكىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. 

    5. سىمسىز زەرەتلەش ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلىنىشى مۇمكىن 

    نۆۋەتتە بازاردىكى نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سىمسىز زەرەتلەشكە بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يانفون سودىگەرلىرى زەرەتلەش جەھەتتە سىمسىز زەرەتلەر يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. 

    بىر قىسىم زاپچاس زاۋۇتلىرى ئاللىقاچان سىمسىز زەرەتلەش بازىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم داڭلىق زاپچاس كارخانىسى Apple Watchنى ماگنىت كۈچى ئارقىلىق زەرەتلەش تەگلىكى ياساپ چىقىپلا قالماي يەنە ماگنىت كۈچى ئارقىلىق زەرەتلەش كۆچمە باتارېيە ياساپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يانفونلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان سىمسىز زەرەتلەش ئۈسكۈنىسى ياساپ چىققان بولۇپ، يانفوننى ئۈستىگە قويسىلا زەرەتلەشكە بولىدۇ، زەرەتلەش سىمى كەتمەيدۇ، زەرەتلەش سۈرئىتىمۇ سىملىق زەرەتلەشتىن قېلىشمايدۇ، باھاسىمۇ ئەرزان. 

    6. يانفونلارنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەيدۇ 

    2016-يىلى كۆپچىلىك شياۋمى، خۇاۋېي، مېيزۇ قاتارلىق ماركىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بايراقدار يانفونلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆردى، باھا كۈرىشى قىلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، چۈنكى باھا ماتېرىيال ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يانفون زاۋۇتلىرى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن تەننەرخنى بېسىش ئەمەس تېخنىكا ۋە سۈپەتكە تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ بىر يىلدا يانفونلارنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئازراق ئۆسۈشى مۇمكىن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号