باش بەت

زورىگۈل

5588يوللانما
4مەستانە

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 13:27 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادېن قولتۇقى، سومالى دېڭىز رايونىدىكى قوغداش ۋەزىپىسىنى يېڭىلا تاماملاپ بولغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 24-تۈركۈم قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتى 9-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە پورتىغا يېتىپ بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەش كۈنلۈك دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى 2-قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلىشى.

24-تۈركۈم پاراخوت قوغداش فىلوتى خاربىن پاراخوتى، خەندەن پاراخوتى، شەرقىي پىڭخۇ پاراخوتى شۇ جاي ۋاقتى 9-يانۋار سائەت 10دا جىددە پورتىغا كىردى. ئاق ھەربىي فورما كىيگەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پالۇبىدا رەتلىك تىزىلدى. جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۇاشىن، جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەن ۋائىر ۋە ئەلچىخانا-كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى خادىملىرى، جۇڭگو ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى-خادىملىرى، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر ۋەكىللىرى قاتارلىق 200دىن كۆپرەك ئادەم پىرىستاندا كۈتۈۋالدى.

فىلوت قوماندانى بو خۇيپىڭ، سىياسىي كومىسسارى جوۋ پىڭفېي باش ئەلچى لى خۇاشىنغا ھەمراھ بولۇپ خاربىن پاراخوتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم بۇ پاراخوتنىڭ يىغىن زالىدا قىزغىن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەندەن پاراخوتى ۋە شەقىي پىڭخۇ پاراخوتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

زىيارەت مەزگىلدە پاراخوت ئەترىتىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، فىلوت قوماندانى سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىسىم فىلوتى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيە جەڭ تاكتىكا مەركىزى، دېڭىز ئۈستى ئوت ئۆچۈرۈش تەقلىدىي مەركىزىدىن ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيىەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى يەنە خاربىن پاراخوتى ۋە خەندەن پاراخوتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دېڭىز يولىنى قوغداش پاراخوت ئەترىتى يەنە قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيتنى زىيارەت قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号