باش بەت

جاھانكەزدى

14349يوللانما
1مەستانە

14 خىل iPhoneنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى: سىز قايسىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 21:48 0 ئىنكاس چۈشتى

بىرىنچى ئەۋلاد iPhoneنىڭ ئېكرانى 3.5 دىيۇم، ئېنىقلىقى 480*320، 163ppi بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى iOSنىڭ ئىسمى iPhone OS دەپ ئاتالغان، iOS 4تىن كېيىن ئاندىن iOS نىڭ ئىسمى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى iPhoneنىڭ كامېراسى يوق، ھەتتا App چۈشۈرگىلىمۇ بولمايدىغان، خەتلەرنى كەسكىلى، كۆچۈرگىلى، چاپلىغىلى بولمايدىغان بولسىمۇ، ئۆز ۋاقتىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلات ھېسابلانغان. 

ئىككىنچى ئەۋلاد iPhoneنىڭ ئىسمى iPhone 3G بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشتىكى سەۋەب 3G تورغا چىقىشنى قوللىغانلىقىدىن بولغان شۇنداقلا بۇ iPhoneدىن باشلاپ App Store ئىشلىتىلىپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولغان. iPhone 3Gنىڭ سىرتقى قېپى بىرىنچى ئەۋلادتىكى ئاليۇمىندىن پىلاستىك ماتېرىيالغا ئۆزگەرتىلگەن، كۇنۇپكىلىرى ئەكسىچە پىلاستىك ماتېرىيالدىن مېتالغا ئۆزگەرتىلگەن. 

iPhone 3Gsنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىرىنچى ئەۋلاد iPhone ۋە iPhone 3Gتىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، iPhone 3G بىلەن سېلىشتۇرغاندا باتارېيە، كامېرا، بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق سەپلىمىلەر يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بىرىنچى ئەۋلاد iPhoneنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

بۇ ئەۋلاد iPhoneنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئۆزگەرتىلگەن، ئەسلىدىكى ئارقا قېپى يايپاڭ ھالەتكە ئۆزگەرتىلىپ، يانفون گەۋدىسىنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا ئەينەك قوشۇلۇپ، ماتېرىيال سۈپىتى ئاشۇرۇلغان. iPhone 4تىكى ئەڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولسا 3.5 دىيۇملۇق ئېكران 960x480، 326ppi يۇقىرى ئېنىقلىققا ئىگە بولۇپ، جوبس Retina Display دەپ ئاتىغان، يەنى ئادەم كۆزى ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان نەپس تۇيغۇ دېگەن مەنىدە. بۇ كېيىنكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكرانىغا ئاساس سالغان. 

iPhone 4S يانفونى ئەسلىدىكى iPhone 4 ئاساسىدا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەنگەن. iPhone 4S بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنغان iOS 5كە تۇنجى قېتىم Siri سەپلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالما بىر يىلدا چوڭ ئۆزگەرتىش، بىر يىلدا كىچىك ئۆزگەرتىش رىتىمى بىلەن iPhoneنى يېڭىلاپ كەلگەن. 

كۆپ يىل 3.5 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلەتكەندىن كېيىن، iPhone 5كە كەلگەندە ئېكران 4 دىيۇمغا كۆتۈرۈلگەن، كەڭلىكى ئۆز پېتى ساقلىنىپ، ئۇزۇنلۇقى ئازراق ئۇزارتىلغان. بۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باش بەتكە تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنى قويغىلى بولىدىغان بولغان. جوبس مۇشۇ نۇسخىدىكى يانفوننىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقاندىن كېيىن ۋاپات بولغان بولۇپ، جوبسنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىغان ئەسىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

iPhone 5C يانفونى iPhone 5S بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆپ خىل رەڭلىك، پىلاستىك قاپلىق iPhone 5 دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

iPhone 5Sنى iPhone 5نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ ھەمدە تۇنجى قېتىم ئالتۇن رەڭ نۇسخىسى ئېلان كۆپەيتىلگەن. بۇ ئەۋلاد iPhoneدا نىسبەتەن دىققەتنى تارتىدىغىنى iOS 7 بولۇپ، گەرچە بۇ سىستېما دەسلەپتە ئېلان قىلىنغاندا تەنقىدكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر قارايدىغان بولسا، بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. 

iPhone 6 يەنە بىر چوڭ ئۆزگەرتىش قىلىنغان يانفون بولۇپ، بۇ قېتىم 4 دىيۇملۇق ئېكراندىن ۋاز كېچىپ، 4.7 ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئىككى خىل نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن جوبس 3.5 دىيۇم «قولدا تۇتۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئالتۇن نىسبەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئالمىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق iPhone ئېلان قىلىشى ئالما مەستانىلىرىدە مەلۇم داۋالغۇش پەيدا قىلغان بولسىمۇ، iPhone 6نىڭ سېتىلىشى داۋاملىق ئۆرلەپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىمىز مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ iPhone سېپىگە قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. 

بۇ ئەۋلاد iPhoneمۇ iPhone 6 ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى كۆپ ئۆزگەرتىلمىگەن، ئاساسلىقى قاتتىق دېتال ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە ھالرەڭ ئەتىرگۈل نۇسخىسى چىقىرىلغان. 

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، iPhone بۇ قېتىم تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ بارماي، بۇندىن بۇرۇنقى «بىر يىلدا كىچىك ئۆزگەرتىش، يەنە بىر يىلدا چوڭ ئۆزگەرتىش» رىتىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان. iPhone 7دە ئارقا تەرەپتىكى ئانتېننا ئۈستىگە يۆتكەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، قارا رەڭ نۇسخىسى قوشۇلۇپ، iPhone 7 Plusقا قوش كامېرا سەپلەنگەن. 

iPhone SE بىلەن iPhone 7 بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان، SEنىڭ مەنىسى Special Edition يەنى ئالاھىدە نەشرى بولۇپ، iPhone SEنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى iPhone 5S بىلەن ئوخشاش، ئېكرانىمۇ ئوخشاشلا 4 دىيۇم، بىراق بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئۆلچىمى iPhone 6 بىلەن تەڭ دەرىجىدە بولۇپ، iPhone 5Sنىڭ چاپىنىنى كىيگەن iPhone 6 دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号