• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان قىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : نۇربىيە ئۇيقۇت ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 15:32

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    «تېڭشۈن تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    يېقىندا مەلۇم بىر «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» دوستلار چەمبىرىكىدە شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىدى. لىن فامىلىلىك بىر قىزنىڭ ئائىلىسدىكىلىرى بىلەن نەچچە كۈن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. شىركەتنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا قاتنىشىپلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قىزىدىن ئەنسىرگەن ئۆيدىكىلىرى ئاتايىن شاڭخەيدىن ئۇنى ئىزدىگىلى كەلگەن.

    سۈرەتتىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى لىن يۈتىڭ بولۇپ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن. فوشەن چەنچېڭدا خىزمەت قىلىدۇ. بىراق ھازىر يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيان يانفونى ئىزچىل ئېتىك بولۇپ، يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شىركەتنىڭ يىللىق يىغىن ئاچقان مېھمانسارىيىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن ئولتۇرۇش قىلغان.

    تۈنۈگۈن (9-يانۋار) سەھەردە لىن خانقىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى جۇخەيدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، مېھمانساراي ئەتراپىدىكى كۆزەتكۈنى تەكشۈرگەن. لىن خانقىزنىڭ ئاكىسى: « كۆزەتكۈدىن قارىغاندا ئۇ بۇ يەرگە ناتونۇش بولغاچقا قاتتىق جىددىيلەشكەنىدى. قارىماققا ماشىنا ساقلاۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى، بىراق ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ جايدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.

    لىن خانقىزنىڭ ئاچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن رايىش بولۇپ، ئادەتتە كۈندە دېگۈدەك ئۈندىدار توپىدا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشدىكەن. يەنە كېلىپ، لىن خانقىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ يات جىنىسلىق دوستى بايقىغان بولۇپ، بۇ يىگىت ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ ياكى ئەمەسمۇ بۇنى ئۆيىدىكىلىرىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ يىگىت كەچ سائەت 9 دا لىن خانقىزغا تېلېفون بەرگەندە، تېلېفون ئۇلانغان، بىراق ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. كېيىن ئۇرسا تېلېفون ئىتىك چىققان.

    لىن ئەپەندى سىڭلىسىنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللىگەندە، شىركەتنىڭ شۇ كۈندىكى يىللىق يىغىلىشتا ھېچقانداق غەيرىي ئەھۋالنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدى. يەنە كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرەتنى تۇغقانلار توپىغا يوللىغان. ئىگەللىنىشچە، لىن خانقىزنىڭ ئائىلسىىدىكىلىرى ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايىغا بارغان بولۇپ، بۇ جايدىمۇ غەيرىي ئەھۋالنى بايقىمىغان. لىن ئەپەندىنىڭ دېيىشچە، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئاز سوممىلىق قەرز پۇل-مۇئامىلە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئىقسادىي جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇستەقىل، باشقىلارغا قەرز بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يوقكەن. شۇڭا قىزنىڭ ئۈچ كۈن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى ھەقىقەتەنمۇ بىنورماللىق ھېسابلىناتتى.

    نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ دېلونى تەكشۈرۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كۆزەتكۈنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئىگەللىگەن. بىراق دېلو ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىكەن. 

    سۈرەتتە: شىركەتنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچقان مېھمانساراي.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号