باش بەت

زورىگۈل

6180يوللانما
10مەستانە

ئەنگلىيەنىڭ غايەت زور تىرانسپورت ئايروپىلانى تاغ جىلغىسىدا پەس ئۇچۇپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 17:12 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياڭگاڭ شەرق گېزىتىنىڭ 9-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ۋېللستىكى داڭلىق تاغ جىلغىسى Mach Loop ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مەشىق بازىسى بولۇپ، ھەر كۈنى كۆپلىگەن كىشىلەرنى تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلىدىكەن. ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ A400M تىرانسپورت ئايروپىلانى 5-يانۋار Mach Loopدا پەس ئۇچقاندا ئاۋىياتسىيە ھەۋەسكارلىرى سىنغا ئېلىۋالغان بولۇپ، كۆرۈنۈش بەك ھاياجانلىق ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشىدىن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر دانە A400M تىرانسپورت ئايروپىلانى تاغ جىلغىسى ئارىسىدا تۆۋەن ئۇچقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. تىرانسپورت ئايروپىلانى غايەت زور جىسىم بولسىمۇ، لېكىن تاغ جىلغىسىنى تېزلىك بىلەن كېسىپ ئۆتكەن، ئۇچقۇچى قەتئىي قورقمىغان. بۇ تىرانسپورت ئايروپىلانى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى زاۋۇتتىن چىققان ھەم 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، Mach Loopدا پەس ئۇچقان تۇنجى A400M تىرانسپورت ئايروپىلانىغا ئايلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، A400M تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ياۋروپا ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى AirBus ياسىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىشلەتكەن، ئەنگلىيە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى 2014-يىلى 11-ئايدا تۇنجى A400Mنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە ئۇزۇن يىل بولغان، ئامېرىكىدا ياسالغان كونىرىغان C-130 تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا 22 دانە A400M تىرانسپورت ئايروپىلانى سەپلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号