• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان بالا ئوت ئويناپ ئۆيىگە ئوت قويۇۋەتتى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : mirza ئىنكاس : 6يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 17:21

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

     

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 5 لەرە، چىنخۇەي رايونى تاڭ نۇرى مەھەللىسى ئىچىدىكى 40-نومۇرلۇق ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى 7-كورپۇس 40-بىنا 102-ئۆيگە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، قوشنىسى لى ئەپەندى ئەمدىلا كەچلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەمدە پىشاڭ بىلەن ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوت ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان بىر جۈپ قوشكېزەك بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئوت ئۆچۈرىۋېلىنغان. 

    سائەت 6 ئەتراپىدا، دەۋر تېز گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ياتاق ئۆي ۋە ئاشخانىنىڭ تەخمىنەن 10 نەچچە كۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېرىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئۆيدە 5 ياشلىق ئىككى بالا يالغۇز بولۇپ، چوڭلاردىن بىرىمۇ يوق ئىكەن. 

    ياندىكى ئۆيدە تۇرىدىغان لى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «كەچلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۆي ئىچىدە يەنە ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، مەن دەرھال تېلېفون ئۇرۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلدىم». ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇ دەرھال لوم تۆمۈرنى پىشاڭ قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەن ھەمدە قويۇق ئىس-تۈتەك ئارىسىدىن بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

    ئىگىلىنىشىچە، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىن ئەتراپتا ناشتىلىق ساتىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئۈچتىلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، قوشكېزەك ئاكا-سىڭىللار ئۆيدە قالغان، ئاكىسى چاقماق ئويناپ يوتقان-كۆرپىگە ئوت قويۇۋەتكەن ھەمدە بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

    بالىلارنىڭ دادىسى جەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن. كۆيۈپ كۈل بولغان ئۆيگە قاراپ تۇرغان جەن ئەپەندىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى چۈشكۈن ئىدى. جەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىر يىل بىكارغا ئىشلىگەن بولدۇم، بالىلارنى ئۆيىگە يالغۇز تاشلاپ قويۇشنىڭ بۇنچىۋالا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

    نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ يەنىمۇ ئىنگىرلىگەن ھالدا كونكرېت ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号