• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    خاربىندا 2 مەشىق ماشىنىسى سوقۇلۇپ، 3 ئادەم قازا قىلدى

    مەنبە : news.163.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 17:59

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    2017-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 14 لەر ئەتراپىدا، خېيلۇڭجياڭنىڭ خاربىن شەھىرىدە 2 مەشىق ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، بىر نەچچە ئادەم يارىلاندى. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، خاربىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش تارماق ئەترىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار 2 مەشىق ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، 3 ئادەم قازا قىلىپ، 2 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە، بۇ دېلو داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ. سۈرەتتە، سوقۇلغان كىچىك ماشىنا بىلەن يۈك ماشىنىسى.

    قاتناش ساقچىلىرى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماشىنا نومۇرى 黑A1330 بولغان كۆك رەڭلىك ئادەتتىكى يۈك ماشىنىسى بىلەن 黑A8215 نومۇرلۇق كىچىك ماشىنىنىڭ سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ھادىسىدە يۈك ماشىنىسىنى ھەيدىگەن خۇاڭ xxدىن باشقا، كىچىك ماشىنىدىكىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغانلىقتىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ ماشىنىدىكى 3 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. 

    ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈك ماشىنىسىنى ھەيدىگەن ئادەمنىڭ خاربىن شەھەرلىك داشۈن شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تېرىنېرى ئىكەنلىكىنى، كىچىك ماشىنىنى ھەيدىگەن ئادەمنىڭ خاربىن شەھەرلىك گاڭخاڭ شوپۇرلۇق تەربىيەلەش شىركىتىنىڭ ترېنىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

    ئەينى ۋاقىتتا، يۈك ماشىنىسىنى ھەيدىگەن خۇاڭ xx تيەنچى يولىدىكى 2-نومۇرلۇق قورو ئالدىدىن سولغا ئايلانغاندا، جاۋ xx ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى تاقالدى ۋە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلۈشكە سۇنۇلدى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号