• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    قاپيۈرەك شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ماشىنا توسۇپ ۋەقە سادىر قىلدى

    مەنبە : picture.youth.cnتەھرىر : mirza ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 18:03

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تۈنۈگۈن سەھەردە، بىر ئايال شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا خالىغانچە ئاپتوموبىل توسقان، بۇ ۋاقىتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىپ بىر مېتىر يىراقلىققا يىقىلىپ كەتكەن، ۋەقەدە بەختكە يارىشا ئامان قالغان. 

    ساقچىلار كۆزەتكۈنى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال ھادىسىگە ئۇچرىغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى سورىغان، سىن كۆرۈنۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاق ۋە قارا ئىككى ماشىنا ئالدى-كەينى بولۇپ بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بېيجىڭ يۆنىلىشتىكى 1149 كىلومېتىرلىق جايىدا توختىتىلىپ قويۇلغان ئىدى. يول چارلاش خەلق ساقچىلىرى ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق بۆلۈمى دەرھال خەلق ساقچىلىرىنى نەق مەيدانغا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتكەن.   

    ساقچىلارنىڭ كۆزەتكۈ خاتىرىسى ئارقىلىق ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ ئايال شوپۇر ھەيدىگەن قارا رەڭلىك كىچىك ماشىنا 1149 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدىكى ئېھتىيات رايونىدا تۇيۇقسىز توختاپ قالغان، ئاپتوموبىلنىڭ سول تەرەپ قىسىمى ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا چىقىپ قالغان، بۇ شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ تۆت تەرەپكە قاراپ چىققان ھەمدە يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنى توسماقچى بولغان.

     

    كېيىن، ئۇ بېلىنى ئېگىپ ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىدا تۇرۇپ قاتناش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن، خەتەر شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن، بىر ئاق رەڭلىك كىچىك ماشىنا ئۇنىڭغا يول بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كەينىدىن كەلگەن قارا رەڭلىك ماشىنا ئالدىدىكى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۈلگۈرەلمەي ئوڭ تەرەپتىن يانداپ ئۆتۈشنى ئويلاپ، ئوڭغا جىددىي بۇرۇلغان ھەمدە يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋالغان ئاق رەڭلىك پىكاپقا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئايال شوپۇر ئىككى ماشىنىنىڭ سوقۇلۇشتىن ھاسىل بولغان زەربە كۈچى تەسىرىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن ھەمدە بەختكە يارىشا پەقەت يېنىك يارىلانغان. 

    خەلق ساقچىلىرى ئايال شوپۇردىن ئىشنىڭ جەريانىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەينى ۋاقىتتا ئاپتوموبىلدىن ئازراق كاشىلا چىقىپ قالغاچقا، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قاراپ باقماقچى بولغان، بىراق سەۋەبىنى بىلەلمىگەچكە، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى توسۇپ ياردەم سورىماقچى بولغان، بۇنداق قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاشمىغان. خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەنقىد تەربىيە بەرگەن ھەمدە بۇ ۋەقەنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغان. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号