باش بەت

sadirdin

3يوللانما
0مەستانە

2017-يىلى كۆچمە ئەپلەردە بولىدىغان 10 خىل ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 18:44 0 ئىنكاس چۈشتى

2017-يىلى كۆچمە ئەپلەردە بولىدىغان 10 خىل ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى

techrepublic تورى 9-يانۋر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، بىز «كومپيۇتېر پىروگىراممىسى» دەپ ئاتاۋاتقان نەرسە تۇنجى قېتىم 1842-يىلى Ada Lovelace ئىسملىك ئايال تەرىپىدىن يېزىلغان. 175 يىلدىن كېيىن بىز ئ‍شىلىتىۋاتقان ئەپلەر نورغۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ بولدى. بىز ئاللىقاچان مەھسۇلاتتىن يېتەكلەشكىچە، ئىجتىمائى ئالاقىدىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكىچە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قورشاپ بولغانلىقىنى ۋە موللاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى كۆردۇق.

ئەپلەر ھازىردىن باشلاپ قەيەرگىچە بارالايدۇ؟

بۇخىل چەك-دائىرە پەقەت بىزنىڭ ئويلاش چېكىمىز ياكى بۇلارنىڭ كەينىدىكى تېخنىكىغا ئاساسەن  بولۇپ، توختىماي تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.

ئۆزەمنىڭ سىستېما باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدىكى تەجرىبەمگە شۇنداقلا Shapo ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناتالىي لامبېرت (natalie lambert) بىلەن بولغان سۆھبەتكە ئاساسەن مۇشۇ يىلدىكى ئەپ ساھەسى ئۈچۈن 10 خىل پەرەزنى رەتلەپ چىقتۇق.


1. ئىجتىمائى ئالاقە تاراتقۇسىنىڭ ئ‍ىزلىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ

بەلكىم سىز بۇنى «كاللىسى يوق بىرسىنىڭ گېپى» دەپ قارىشىڭىز مومكىن. بىراق ئىجتىمائى ئالاقە تاراتقۇ پىروگىراممىسى سىز ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرگىچە چېتىلىشقا كەلگەندە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.


2. تېخىمۇ ياخشى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقە

ئۆزئارا-ھەمكارلىق ئىقتىدارى ئەپنىڭ ئەنئەنىۋىي پايدىسىز تەرەپلىرىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. شۇنداقلا باشقىلارنى تارتىپ كېلىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېلان شەكلىدىكى مۇلازىمەتكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇ ئىقتىدارلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ شەكىلدە مەيدانغا كېلىشىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.


3. مەركەزلەشتۈرۈش كۈچەيمەكتە

مەن ئۇزۇن مۇددەت «kitchen sink» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپلەر ياكى زامانغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم تور بەتلەرگە قارشى بولۇپ كەلدىم. مېنىڭ قارشىلىقىمنىڭ ئاساسلىق نىشانى تولۇق پۈتمىگەن بىر تالاي ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە يۈزىگە قىستاپ كىرگۈزۈپ، ئەپنى مۇرەككەپ ۋە چىگىش قىلىپ قويغان تەرەپلەر بولۇپ نۆۋەتتە مېنىڭ بۇخىل كۆڭۈل بۆلۈشلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسەن تۈگىتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆچمە ئەپلەر مەركەزلەشتۈرۈشكە، دىققىتىنى يىغىشقا يۈزلىنىدۇ.


4.تېخىمۇ كۆپ مۇشتەرى بولۇش مودېلى

مۇشتەرى بولۇش مودېلى ئەڭ يېڭى ۋە قالتىس ئىقتىدارلارغا مۇھتاج بولغان خېرىدارلار ئۈچۈن، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئۇلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىسنى ئاشۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئىككىلى تەرەپتىن پايدىسى بار. مەن بۇلارنى ياخشى تەرىپى دەپ ئويلايمەن.


5. تېخىمۇ كۆپ تورسىز ئىقتىدارلار

كۆچمە ئەپلەر بۇنىڭدىن كېيىن تورسىز مۇھىتتىمۇ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى بىلەن باھالىنىدىغان بىر دەۋرنى كۈتۈۋالىدۇ.


6. تېخىمۇ ئەقلىيلىشىش

ھېسابلاش ماشىنىلىرىنىڭ كۈچى ۋە ئىقتىدارى ئېشىشىغا، شۇنداقلا چوڭ سانلىق مەلۇماتلار تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئىدراكلىق ئەقلىي ئەپلەر ئەمدىكى يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.


7. سۈنئى ئىدراك ئالاقىسىنىڭ زورىيىشى

CIO Dive تورىنىڭ ئانالىزىدا ئېيتىلغاندەك: «سۈنئى ئىدراك 2017-يىلىدا ئامرىكىدىكى كارخانىلارنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىنىپ بولدى.» شۇنداقلا «سۈنئى ئىدراكنى ئۆزلەشتۈرمىگەن شىركەتلەر تېز سۈرئەتتە  خاراپ بولىدۇ ۋە بازاردىكى قىمىتى تۆۋەنلەيدۇ»


8. تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ، ئىستېمالچىلار ئۆزلىرى ماڭدۇرۇش يۈزلىنىشكە ئايلىنىدۇ

2017-يىلىدا خىزمەتچىلەر قوپال، كېلەڭسىز يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشتىن بارغانسېرى يىراقلاپ تېخىمۇ قولاي ئاددىي سودا ئەپلىرىنى ئىشلىتىدۇ. خىزمەتچىلەر مىكرو ئەپلەرنىڭ ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىقتىدارى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئەپلەر بىر چېكىش ئارقىلىق ھەرقانداق ئورۇندا ۋەزىپىنى تاماملىيالايدۇ ۋە ئوخشاش بىر ۋەزىپىنىڭ كۆپ قىتىم تەكرارلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئالىدۇ. ئىجتىمائى تاراتقۇ ئالاقە ئەپلىرىگە ئوخشاش بۇ ئەپلەرمۇ ئىستىمالچىلارنى بەزى ۋەزىپىلەرگە دىققەت قىلىشىقا مۇھتاج بولغاندا ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە بىلدۈرىدۇ.


9.پۈتۈن يوللۇق ئالاقە

تېكىست ئۇچۇرى ئارقىلىق ئەپتە چىقىم قىلىش ۋە ئۇچۇش مۇساپىسىنى ھەمبەھىرلەش ياكى تاماقنى ئالدىن زاكاس قىلىش... بۇلار ھازىر نورمال ئىش بولۇپ قالدى، كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىنىڭ قانداق تاماملىنىشىغا نىسبەتەن يېڭى ئۈمىدلىرى بار.


10. سىستېمىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش

ئەنئەنىۋى سىستېمىلارنى ئىشلىتىش قولايسىز، لېكىن ھازىرمۇ ئۇلار ھەممە يەردە مەۋجۇت، بۇلارنى يېڭىلاش تاللىشىمۇ يوق، نىمىشقا؟ چۈنكى شىركەتلەر بۇ سىستېمىلارغا زور مەبلەغ سالغان. ھازىر سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ۋە بىر تەرەپ قىلىشلار بۇيەردە قاپسىلىپ قالغان. بىراق بىز ئاللىقاچان بۆسۈش نۇقتىسىغا كەلدۇق. بۈگۈنكى دەۋردە خىزمەتچىلەر كېلەڭسىز يۇمشاق دېتاللارغا «ياق» دەۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号