باش بەت

نۇسرەتگۈل

5938يوللانما
9مەستانە

ئوغلىنى 15مىڭ يۈەنگە ساتقان ئانا ئەرزان سېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قايتا سودىلاشتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 18:38 0 ئىنكاس چۈشتى

خېنەنلىك چېن xx ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بىلدى. بىراق، ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ بالىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 3 كۈن بولغان بالىنى سېتىۋەتتى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرزان سېتىپ قويغانلىقىنى بايقاپ دەرھال قايتۇرىۋالدى ۋە 2-قېتىمدا 50 مىڭ يۈەنگە ساتتى. بىراق، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى، چېن xx ئوغۇل دوستى بىلەن بالىنى ساتقان پۇلنى بۆلۈشۈپ بولالماي جېدەللىشىپ قالغانلىقتىن بۇ دېلو ئاشكارىلىنىپ قالدى. يېقىندا، ساڭنەن ساقچىلىرى بۇ بالا سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، چېن xx، لىن xx، خۇاڭ xx ۋە 3 ۋاستىچى، شۇنداقلا بالىنى سېتىۋالغان 2 جۈپ ئەر-ئايالدىن تەركىب تاپقان 10 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.

ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەردە، ساڭنەنلىك خۇاڭ xx دېلو مەلۇم قىلىپ، قىز دوستى بىلەن كىچىك ئىش سەۋەبىدىن سوقۇشۇپ قالغانلىقىنى ھەم قىز دوستىنىڭ ئۇنىڭ بارمىقىنى چىشلەپ يارىلاندۇرغانلىقىدىن خەۋەر قىلدى. مەلۇماتنى تاپشۇرىۋالغان ساقچىلار دەرھال چېن تۇرىۋاتقان مېھمانخانىغا بېرىپ ئۇنى چاقىرتىپ چىقتى. چېن xxدىن ئوغۇل دوستىنىڭ قولىنى نېمە ئۈچۈن چىشلىۋالغانلىقى سورالغاندا، چېن دۇدۇقلاپ تۈزۈك جاۋاب بېرەلمەي، ئاخىرى بوۋاقنى سېتىۋەتكەن ئىشنى ئاشكارىلاپ قويدى. 

ئەسلىدە 2015-يىلى 9-ئايدا، 35 ياشلىق چېن ساڭنەنلىك خۇاڭ بىلەن توردا تونۇشقان، بىراق بۇ ۋاقىتتا نىكاھتىن يېڭىلا ئاجراشقان چېننىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغىنىغا 4 ئايلار بولۇپ قالغانىدى. ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى چېن ساڭنەندىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا يەڭگىدى ۋە شۇ دوختۇرخانىدىكى تازىلىق ئىشچىسىغا بالىسىنى سېتىۋېتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. ئىككىنچى كۈنى لىن xx چېن xxنى ئىزدەپ كېلىپ، بالىنى 15 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتتى ۋە ئارقىدىن بۇ بالىنى پەرزەنتلىك بولالمىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالغا 82 مىڭ 800 گە سېتىپ بەردى. كېيىن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان چېن بالىنى بەك ئەرزان سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، بالىنى قايتۇرىۋالدى ۋە ئۆتكەن يىلى بۇ بالىنى يەنە پىڭياڭدىكى بىر ئەر-ئايالغا 50 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بەردى. چېن xxنى ئادەتتە ئۆزىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ قارىغان خۇاڭ xxبۇ پۇلنىڭ 30 مىڭ يۈەنىنى ئالماقچى بولغاندا چېن xx ئۇنىڭ قولىنى چىشلەپ يارىلاندۇردى. ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، چېن بۇ بالىنى باقالمايدىغانلىقىنى ھەم باققۇسىمۇ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ھازىر بۇ بالا پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号