باش بەت

tilmach01

104يوللانما
0مەستانە

نەقپۇلسىزلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھىندىستان 20 مىليون دانە 30 دوللارلىق يانفون ياسىماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇلنى بىراك قىلىش ھەرىكىتى ئىقتىسادى داۋالغۇش ۋە خەلىقئارالىق پىكىر دولقۇنى قوزغىدى. شۇڭا ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە تەدرىجى كۆچمە چىقىم قىلىش شەكلىنى كېڭەيتىپ، قەغەز پۇلغا بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتى يانفون ساھەسى بىلەن باھاسى 30 دوللار ئەتراپىدىكى ئەرزان باھالىق، كۆچمە چىقىم قىلىشنى قوللايدىغان يانفون ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. 

ھىندىستان ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى يانفون زاۋۇتلىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە Micromax، Intex、 Lava Karbonn قاتارلىق ماركىلار بار ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى يۇقىرىقى ھىندىستان ماركىلىرىدىن باھاسى 2000 رۇپىيەلىك (29 دوللار) ئەقلىيفون ياساپ، ھىندىستاننىڭ ئەقلىيفوننى ئومۇملاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلىش ئىكەن. 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىغىنغا جۇڭگونىڭ يانفون زاۋۇتلىرى تەكلىپ قىلىنمىغان. مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىسكىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە جۇڭگو يانفون ماركىلىرى ھىندىستان بازىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىەيدىغان بولۇپ، تەسىر كۈچى ھىندىستان ماركىلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەن. ئۇندىن باشقا سامسۇڭ ۋە ئالمىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ماركىمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىغان. 

مۇشۇ ساھەدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ھىندىستان ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە كۆچمە چىقىم قىلىش شەكلىنى پائال كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش ساھەسىدىمۇ پارتىلاش خارەكتېرلىك ئېشىش كۆرۈلگەن، بىراق ھىندىستان ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بازاردا ئەرزان باھالىق ئەقلىيفونلارنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. 

ئىگىلىنىشچە ھىندىستان ھۆكۈمىتى يانفون زاۋۇتلىرىنىڭ 20-25 مىليون دانە ئەرزان باھالىق ئەقلىيفون ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بىراق تولۇقلىما ياردىمى بېرىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ھۆكۈمەت زاۋۇتلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

ئەھۋالدىن خەۋەردارلارنىڭ ئېيتىشىچە ھىندىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەقلىيفون ئارقىلىق سودا-سېتىقىنى، چىقىم قىلىشنى تاماملىيالىشىنى، يەنە بۇ خىل ئەرزان باھالىق يانفونلارنىڭ ھىندىستاننىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇخىل تەننەرخى 30 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئەقلىيفون ئىشلەپچىقىرىشتا قىيىنچىلىق كۆپ ئىكەن. مەسىلەن تەلەپكە ئاساسەن بۇ خىل ئەقلىيفونلار بارماق تونۇش ئىقتىدارىغا، يۇقىرى ئىقتىدارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ۋە ياخشى سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە بولىشى كېرەك ئىكەن.

نۆۋەتتىكى ھىندىستان يانفون بازىرىدا 3G يانفونلىرىنىڭ باھاسى 2500 رۇپىيە ئەتراپىدا بولۇپ، 4G يانفونلىرىنىڭ باشلىنىش باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ھىندىستاننىڭ زور كۆپ ساندىكى يېزا-قىشلاقلىرىدا يەنىلا كۇنۇپكىلىق يانفون ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىلىشى ۋە باھاسىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىل كىشىلەرنىڭ ئەقلىيفون ئىشلىتىشكە كۆچىشىگە توسالغۇ بولىۋېتىپتۇ. 

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا ھىندىستاندا يانفون ئىشلەتكۈچىلار بىر مىلياردقا يەتكەن بولۇپ، ئەقلىيفون ئىشلەتكۈچىلەر ئاران 300 مىليون ئىكەن. ئۇندىن باشقا چەت يېزىلارنىڭ يانفون ئومۇملىشىش نىسبىتى يېڭى دېھلىدەك چوڭ شەھەرلەردىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدىكەن. يانفون ئىشلىتىش جەھەتتە ھىندىستاننىڭ شەھەر-يېزا پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. 

ئەرزان باھالىق يانفوننىڭ زور ھەجىمدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ ھىندىستان يانفون زاۋۇتلىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يانفونلار زور مىقداردا ئالدىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك زاكازغا ئاساسەن ئىشلەنمەيدىكەن. 

بۇلتۇر نويابىردا ھىندىستان 500 ۋە 1000 رۇپىيەلىك قەغەز پۇلنى بىراك قىلدى، ئارقىدىنلا كۆچمە چىقىم قىلىش شەكلىنى پائال كېڭەيىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى BHIM ناملىق يانفون دېتالىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ ھىندىستاندىكى 31 چوڭ بانكىنى تۇتاشتۇرىدىغان پۇل-مۇئامىلە دېتالى بولۇپ، ھازىرغىچە بىر مىليوندىن كۆپرەك چۈشۈرۈلگەن. 

نۆۋەتتە ھىندىستان جۇڭگودىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەقلىيفون ئومۇملىشىشى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلانغان، ھىندىستان بازىرىدا سېتىلىشى كۆپ بولغان %80 يانفون 100-200 دوللارلىق، تۆۋەن دەرىجىلىك يانفونلار بولۇپ، ھالبۇكى جۇڭگو يانفون كارخانىلىرى ئىشلىتىشچان، ئەرزان ئالاھىدىلىكى بىلەن ھىندىستان بازىرىدا روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا شىياۋمى ۋە لىيەنشىياڭدىن ئىبارەت ئىككى ماركا ھىندىستان يانفون بازىرىدىكى ئالدىنقى بەش كۈچلۈك ماركا قاتارىغا كىرىپ بولغان بولۇپ، بىراق يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك قاتلاملىرى تەڭ تەرەققىي قىلغان سامسۇڭ ئېلىكترونىغا يەنىلا يەتمەيدىكەن. 

ئۇندىن باشقا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ياسىمىچىلىقىغا ئىلھام بېرىشى ۋە ئىمپورت ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو يانفون كارخانىلىرى ھىندىستاندا چوڭ كۆلەمدە زاۋۇت قۇرۇپ، يانفونلىرىنى ھىندىستاندا قۇراشتۇرۇشقا باشلىغان. فوكىسكون گۇرۇھى نۆۋەتتە ھىندىستادا بىر نەچچە زاۋۇت قۇرغان بولۇپ، شىياۋمى، خۇاۋېي، خۇاشو قاتارلىق ماركىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان جۇڭگو ئاندىرويىد يانفونلىرنىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكى روشەن ئىكەن. 

قىزىقارلىق يېرى گۇگولنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پىچاينىڭ بىلدۈرىشىچە، گۇگولمۇ كەلگۈسىدە 30 دوللار ئەتراپىدىكى ئەرزان يانفون ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھىندىستاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سېتىلىدىكەن. 

ئىلگىرى گۇگول Android One ناملىق ئەرزان باھالىق يانفون پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا گۇگول يانفون سېستىمىسىنى ياساش ۋە نەشرىنى يېڭىلاشقا، ھەرقايسى يانفون زاۋۇتلىرى قاتتىق دېتالنى ياساش ۋە سېتىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. 

بىراق، ئومۇمەن ئېيىتقاندا گۇگولنىڭ بۇ پىلانى مەغلۇپ بولغان بولۇپ، ئاساسى سەۋەبى جۇڭگو يانفون كارخانىلىرىنىڭ يانفونلىرىغا يەتمەيدىكەن. ھالبۇكى گۇگول نىشانلىغان ئافرىقا، جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق رايونلىرىدا، جۇڭگو يانفونلىرى كۆپ مىقداردا ئەرزان، ئىشلىتىشچان تىپلىرى بىلەن بازارنى ئىگىلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号