• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    سامسۇڭ Note 7 يانفونىغا قەستەن ئوت قويۇلغان بولسىمۇ پارتلىمىدى

    مەنبە : tech.163.comتەھرىر : tilmach01 ئىنكاس : 34يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 19:17

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    2017-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان سامسۇڭ Galaxy Note 7 يانفونلىرى يېڭى قايتۇرىۋېلىش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سامسۇڭ پات يېقىندا Note 7نىڭ پارتلاش سەۋەبىنى ئېلان قىلىدۇ. سامسۇڭ Note 7 ھەقىقەتەن يامان ئەمەس چىققان يانفون بولۇپ، پەقەت بەزىدە يۈز بېرىدىغان باتارېيەسىنىڭ پارتلاش ۋەقەسى كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم Note 7نىڭ باتارىيەسىنىڭ ئالاھىدە شارائىتتا پارتلاپ كېتىش خېيىم-خەتىرى بار، ھەرگىزمۇ سىرتىدىن قىزدۇرغاندا باتارىيەسىنىڭ چوقۇم پارتلاش خەتىرى بار بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بەزىلەر ئوت پۈركىگۈچ بىلەن بىر سىناق ئېلىپ بارغان.


    ئەلۋەتتە Note 7نى سىرتىدىن قىزدۇرغاندا باتارىيەسىنىڭ پارتلاش-پارتلىماسلىقىنى سىناق قىلغانىكەنمىز، ئۇدۇل كەلگەن چاقماق بىلەن قىزدۇرساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا چەتئەلدىكى تورداشلار رەسمىي بىر ئوت پۈركۈگۈچ بىلەن نورمال ئىشلەۋاتقان Note 7نىڭ كەينىدىكى باتارىيە تەرىپىگە بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئوت پۈركۈپ قىزدۇرغان. ھەتتا يانفون قىزىپ، ئېكرانى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوت پۈركۈگۈچنىڭ مېتال قىسمى بىلەن يانفوننىڭ باتارىيە قىسمىغا كۈچ بىلەن ئۇرغان.

    بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئوت پۈركىگۈچ بىلەن قىزدۇرغاندىن كېيىن Note 7نىڭ ئېكرانى كۆيۈپ تۈگەشكەن بولسىمۇ، باتارىيە قىسمى ھېچ نېمە بولمىغان، ھەتتا پارتلايدىغاندەكمۇ قىلمىغان، دېمەك بي Note 7نىڭ باتارىيەسى بىخەتەر ئىكەن. قېنى سىزنىڭ Note 7 يانفونىڭىزنى ۋاقتىدا قايتۇرامسىز ياكى داۋاملىق ئىشلىتىۋېرەمسىز؟



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号