• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى

    مەنبە : uy.ts.cnتەھرىر : جاھانكەزدى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 20:02

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1–ئاينىڭ 8–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى، پىكىردە ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى، ماقالىنىلا ئاساس قىلىش خاھىشىغا خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىندى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    «پىكىر» ئالتە بۆلەك بولۇپ، جەمئىي 18 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى بۆلەكتە يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسى پىرىنسىپ ۋە ئاساسى نىشان؛ 2–بۆلەكتىن 6–بۆلەككىچە، ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹پىكىر››نىڭ ئاخىرىسىدا، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، بوغالتىرلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئۇنۋان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش؛ بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، باھالىشى ئىلمىي، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى ماس، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇنۋان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى ئۇنۋان سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، گۈللەنمە كەسىپ ۋە ساھەلەر بويىچە ئۇنۋان سىستېمىسى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنۋان سىستېمىسىدە كەسپىي ساھەلەرگە ئاساسەن مۇناسىپ كەسىپ تۈرى تەسىس قىلىش كېرەك. ھازىر ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىنمىغان ئۇنۋان سىستېمىسىدا بىردەك ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاشتىكى ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات شارائىتىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئۇنۋاندىكى چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويماسلىق كېرەك. نوپۇس، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئەركىن كەسىپتىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇنۋان باھالاش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھالاش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ياندۇرۇپ مەسئۇلىيەتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت، ئۆلچەم، تەرتىپ، نەتىجە ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي بېكىتىپ، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-01/10/content_578177.htm?lang=uy



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号