• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    چاۋشيەن قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى يۆتكىلىشچان قويۇپ بېرىشى مۇمكىن

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 20:24

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

    كورېيەدىكى چاۋشيەن كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، چاۋشيەننىڭ KN-08 ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى KN-14 قاتارلىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى (ICBM) يۆتكىلىشچان قويۇپ بېرىش سەۋىيەسىگە يەتكەن. 

    ماقالىدا دېيىلىشىچە، كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋون چۇڭلۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «قويۇش بېرىش ۋاقتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز بۇ يىل چاۋشيەننىڭ (چاۋشيەن سۇبيېكتىپ يىلنامە ئىشلىتىدۇ، يەنى كىم ئىلسوڭنىڭ تۇغۇلغان يىلنى يىلنامە قىلغان) ھەر قايسى ئىشلاردىكى ئاچقۇچلۇق يىل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىش ۋاقتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز»دېگەن. 

    چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 8-يانۋار دېيىشىچە، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە:«چاۋشيەن قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى خالىغان ۋاقىتتا قويۇپ بېرىدۇ. مەزكۇر بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاۋشيەن-ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان يادرو ئۇرۇش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا بۇ قوغدىنىش ۋە دۆلەت مۇداپىيە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى»دېگەن. ئۇ تەكىتلەپ:«چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى چاۋشيەننىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا قاتتىق تەھدىت پەيدا قىلىشى، شۇنداقلا دۈشمەنلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزۈش سەۋەبىدىندۇر»دېگەن. 

    كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، چاۋشيەنىڭ بۇلتۇر 2-ئايدا قويۇپ بەرگەن نۇرلۇق يۇلتۇز 3-نومۇرلۇق يىراق مۇساپىلىك راكېتاسىنى جىددىي ئەھۋالدا يۈز بەرگەندە ئامېرىكا زېمىنىغا زەربە بېرىدىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدىكەن، بىراق، بۇنى پەقەت مۇقىم قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا قويۇپ بەرگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، KN-08 ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى KN-14 چوڭ تىپتىكى يۆتكىلىشچان ئاپتوموبىلدا تۇيۇقسىز قويۇپ بەرگىلى بولىدىكەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا قويۇپ بەرسە كورېيە-ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىكەن. 

    ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئاشىتون كارتېر بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «چاۋشيەن قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ ئامېرىكىغا ياكى بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالىدىكەن، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ بومبىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ»دېگەن. ئاشتون كارتېر يەنە: «چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ زېمىنىغا تەھدىت پەيدا قىلغان ئەھۋالدىلا، ئامېرىكا ئاندىن ئۇلارنىڭ بومبىسىنى توسۇۋالىدۇ. چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قوغداشقا تەييارلىنىپ بولدۇق»دېگەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号