• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    جۇلى بىلەن پىت ئالاقىدار قانۇنىي ھۆججەتلەرنى پېچەتلەپ بالىلارنى قوغداش توغۇرلۇق قوشما بايانات ئېلان قىلدى

    مەنبە : ent.sina.com.cnتەھرىر : مەۋلۇدە ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 23:05

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سىنا تاماشا خەۋىرى، بىراد پىت (Brad Pitt) تۈنۈگۈن خۇشال ھالدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بىراد پىت بىلەن ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie) بۇلتۇر 9-ئايدا نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى، ئۇلار ئالتە بالىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار قانۇنىي ھۆججەتلەرنى پېچەتلەشنى قارار قىلدى، بۇ ئىككىيلەننىڭ نىكاھى بۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىرلىكتە چىقارغان ئاشكارا باياناتى.

    CNN ئېرىشكەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىت بىلەن جۇلىنىڭ ئادۋوكاتى كېلىشىم ئىمزالاپ، ئالاقىدار قانۇنىي ھۆججەتلەرنى پېچەتلەش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ شەخسىي ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىشنى، ھەمدە شەخسىي سودىيە تەكلىپ قىلىپ زۆرۈر بولغان قانۇنلۇق قارار چىقىرىش ۋە قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇلى بىلەن پىتنىڭ نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە قايتىشىغا كۈچ چىقىرىشنى قارار قىلدى».

    پىت بىر ئاي ئىلگىرى سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قانۇنىي ھۆججەتلەرنى پېچەتلەش توغۇرلۇق ئىلتىماس سۇنغاندا سودىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەينى ۋاقىتتا جۇلىنىڭ ئۆمىكى بۇنى پىتنىڭ ئۆزىنى قوغداپ، نام-ئابرويىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن دېگەن، ئۇلار ھازىر بۇ ھەقتە ئورتاق قارارغا كەلدى، بەلكىم پىتنىڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号