• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرنى باھالىغاندا جۇڭگونى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەلى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 23:22

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى شۇ يەر ۋاقتى 9-يانۋار تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان تەتقىقات دوكلاتنى ئېلان قىلدى، دوكلاتتا دېيىلىشىچە، كەلگۈسى 5 يىلدا ئىچكى-تاشقى توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ خەتىرى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن. توقۇنۇش دەرىجىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چوڭ بولىدىكەن.

    فرانسىيە خەلقئارالىق رادىيو-تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كومېتىتى 9-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىشى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنياۋى تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇشى، مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشى قاتارلىق ئامىللار كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە توقۇنۇش يۈز بېرىش خەتىرىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. بۇ بىر يۈرۈش توقۇنۇشلار ئامېرىكا تۇپرىقى سىرتىدا يۈز بېرىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىچىگە تەسىر قىلىدىكەن. خەتەرنىڭ دەرىجىسى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىدىكەن.

    ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كومېتىتىنىڭ «دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى: تەرەققىي قىلىۋاتقان ئويۇن» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى يۈزلىنىشلەر مىسلىسىز دەرىجىدە تېز سۈرئەتتە جۇغلىنىدىكەن، ھوقۇقنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.

    9-يانۋار ئېلان قىلىنغان دوكلات تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان يۈرۈشلۈك دوكلاتلارنىڭ بىر قىسمى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ خاتىمە قىسمىدا دۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغان ۋە قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. بۇ مەسىلىلەر ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرى بارغانسېرى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش، تېررورلۇق، كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ سىجىل ئېشىشى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، تېررورىزمنىڭ تەھدىتى كەلگۈسى ئون يىلدا كۈچىيىدىكەن. چۈنكى نۇرغۇن كىچىك گۇرۇھ ۋە شەخسلەر يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بېكىنمىچى غەرب»، ئىنسانىي ھوقۇق قارىشىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ۋە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مېخانىزىمى جۇڭگو ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىگە خىرىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    بۇ دوكلاتتا گەرچە ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان يۇقىرىقى توقۇنۇشلار بىر مەيدان ئاشكارا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىمىغان بولسىمۇ، لېكىن غايەت خاتا ھۆكۈم چىقىرىش خەۋپ-خەتىرى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «ماددىي كۈچكە زىيادە ئىشىنىشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.» بۇ خىل خەۋپ-خەتەر بولسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەت پەرقى، شۇنداقلا رايونلارنى كونترول قىلىشنى كۆزلەش خاھىشى «تەسىر كۈچى دائىرىسىنى تالىشىش ئەۋج ئالغان بىر دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ». 

    جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي 2016 ـ يىللىق سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋىتشىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇزاققا سوزۇلغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىستەيدىغان، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号