• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    سامسۇڭ J3 Emerge يانفونى WiFi تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 10يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 23:31

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    IT ئائىلىسى تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    سامسۇڭ J3 Emerge يانفونىنىڭ ئۇچۇرى يىقىندا ئورگان تورىدا ئاشكارىلانغان، نۆۋەتتە بۇ يانفون WiFi ھەمكارلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

    تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، WiFi دەلىللەش بېتىدە بۇ يانفونغا ئاندىرويىد 7.0 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەمما سامسۇڭ ئورگان تورىدىكى ئۇچۇردا ئاندىرويىد 6.0.1 دېيىلگەن. بۇندىن باشقا، J3 Emerge دېگىنى بۇ يانفوننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىسمى، باشقا رايونلاردا J3 يانفونى (2017-يىللىق نۇسخا) دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئورگان تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ J3 Emerge يانفونىغا پەرق ئېتىشچانلىقى 720P بولغان 5.0 دىيۇملۇق ئېكران، 1.5GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ساقلاش سىغىمى، ساقلىغۇچ كارتا ئوقۇرى، 2600 مىللىئامپىرلىق باتارېيە، ئىككى مىليون ۋە بەش مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ھالبۇكى ئۇچۇردا بۇ يانفونغا قانداق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن، ئەمما بۇرۇن تارقالغان خەۋەرلەردە ئۇنىڭغا سەككىز يادرولۇق سنەپدراگون 430 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ، دېيىلگەن.

    سامسۇڭ J3 Emerge يانفونىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى بىلەن باھاسىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号