• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    LG G6 يانفونى 10-مارت رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 12يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 23:46

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    CES 2017 دىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە بىز بارسېلونادا ئېچىلىدىغان يانفون كەسپى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان دۇنيا كۆچمە ئالاقە چوڭ يىغىنىنى كۈتۈۋالىمىز. ھەر يىللىق MWC 2017 كۆرگەزمىسىدە «ئېغىر دەرىجىلىك» يانفونلار ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، بۇ يىلمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدىغانلىقى ئېنىق. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيەدىكى ئىككى چوڭ يانفون كارخانىسى بولغان سامسۇڭ بىلەن LG شىركىتى ئۆزىنىڭ 2017-يىللىق تۇنجى بايراقدار يانفونىنى MWC 2017 چوڭ يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلايدىكەن.

    MWC 2017 چوڭ يىغىنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدۇ، كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، LG شىركىتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى G6 نى ئېلان قىلىدىكەن، بۇ يانفون كورېيەدە 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن، چۈنكى بۇ ۋاقىت كورېيەدە يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتقان مەزگىلگە توغرا كېلىدىكەن. بۇلتۇر G5 يانفونى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان، سامسۇڭ S7 ۋە S7 edge يانفونىنى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل LG شىركىتى سامسۇڭ S8 نى ئېلان قىلىشتىن نەچچە ھەپتە بۇرۇن G6 نى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنى بالدۇرراق ئۆزىگە قارىتىشنى پىلانلىغان.

    ئىگىلىنىشىچە، G6 يانفونى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد G5 دىكىدەك مودۇللاشتۇرۇلغان لايىھەنى ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇنىڭغا سنەپدراگون 835 تىپلىق ئەڭ يېڭى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ، 5.7 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك 2K ئېكران قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن، كەينىگە قوش كامېرا ئورنىتىلىپ، iPhone7 Plus دىكىگە ئوخشاش تەگلىك مەنزىرىسىنى مەۋھۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىكەن. ئۇنداقتا، سىز LG G6 بىلەن سامسۇڭ S8 يانفونىنىڭ قايسىسىغا بەكرەك ئىنتىزار بولۇۋاتىسىز؟



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号