• بۈگۈن پەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ياپونىيە چاۋشىيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى پىلانى تۈزدى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەلى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 23:48

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە چاۋشيەننىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

    ياپونىيە دىپلوماتىيە ئالىملىرى تور بېكىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە كېلەر ئايدا كونكرېت بىر شەھەرنى تاللاپ مانىۋېر ئۆتكۈزىدىكەن. ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغاندا تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا بۇ يىل 3 ـ ئايدا قانات يايدۇرۇلىدىكەن . 

    ياپونىيە «مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك پەيت سىگنال سىستېمىسى»نى قوللىنىش ئارقىلىق ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

    ياپونىيە «ئاسىيا ئوبزورلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى پروگرامما ئارقىلىق يېتەكلەپ ۋە تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشتىن 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بۇرۇن نېمە قىلىشىم كېرەك» دېگەننى ئۆگىتىدىكەن. 

    چاۋشىيەن 2016-يىل مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە 24 قېتىم ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى. چاۋشيەن بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىنىڭ بىر قېتىملىقى ئىسسىق يادرو بومبىغا ئالاقىدار سىناق، دەپ جار سالدى . 

    ياپونىيە «ئاسىيا ئوبزورلىرى» تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «تارقاقلاشتۇرۇش مەشىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى باشلانغاندا ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى (ئەڭ ياخشىسى يەر ئاستى)دە پاناھ جاي تېپىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.»

    2016-يىل چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن «نودوڭ» باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە مەخسۇس قاراشلىق ئىقتىسادىي رايون دائىرىسىگە چۈشكەن. بۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. 

    ئابې شىنزو چاۋشىيەننىڭ قىلمىشىنى «ئېغىر تەھدىت»، «كىشى تاقەت قىلىپ تۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل ۋەھشىي قىلمىش» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇزۇنغا بارماي ياپونىيە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىيەلىنىش قىسىملىرىنى ئوچۇق شەكىللىك ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك توسۇش بۇيرۇقىنى كۈتۈش ھالىتىگە تەڭشىدى. بىراق مۇشۇنداق بولغاندىمۇ ياپونىيە چاۋشيەننىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توسۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن. 

    يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ياپونىيەگە نوسروپ-گرۇمان شىركىتى ئىشلەپچىقارغان E-2D تىپلىق «ئىلغار قارچىغا كۆزى» رازۋېتكا ئايروپىلانـىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكچى بولدى.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号