• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىملىرى 2017-يىلى مەشىق سىجىللىقىنى ئاشۇرىدۇ

    مەنبە : news.xinhuanet.comتەھرىر : ئەلى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 00:22

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىملىرى 2017-يىلى مەشىق سىجىللىقى ۋە مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئاساستا %50 ئۆستۈرۈپ، جەمئىي 150 نەچچە قېتىم مەشىق قىلىدىكەن.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىملىرى بۇلتۇر جەمئىي 100 قېتىم مەشىق قىلغان. بۇ يىل 150 نەچچە قېتىم تاكتىكا مەشىقى ۋە مەخسۇس مەشىق قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ مەشىقلەر جىددىي ۋە مۇرەككەپ بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بولىدىكەن.

    دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلدۈرۈپ: رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىملىرىنىڭ بۇ يىلقى خىزمەت يۆنىلىشى ئەسكەرلەرنىڭ شەخسىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، بارلىق تۈردىكى قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشى شارائىتىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاش ۋە يېڭىچە قوراللارنى ئىشلىتىش، دېدى.

    ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىملىرى بۇ يىل يەنە 10 قېتىم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىدىكەن. شۇنداقلا تەتقىقات قىممىتى بار يېڭى شەكىلدىكى قوراللارغا قارىتا ئۇچۇش سىنىقى قىلىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر بار بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە قويۇپ بېرىش مەشىقى ئۆتكۈزىدىكەن.

    يېقىندىن بېرى رۇسىيە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىلگىرى كۆپلىگەن سورۇنلاردا رۇسىيە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك ئارمىيە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دېگەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号