• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى: تىرامپنىڭ F/A-18E/Fنى F-35كە ئالماشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەلى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 00:59

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئامېرىكا «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر تىرامپ بوئىننىڭ F/A-18E/F كۈرەشچى ئايروپىلانىنى لوكخىد-مارتىن شىركىتىنىڭ F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىكەن.

    تىرامپنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە»نى F-35نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا يېرىم ئاي بولغان بولسىمۇ، بۇ توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك قىلاتتى.

    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە،  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنرالى «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە»نى F-35كە ئالماشتۇرۇشقا قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى ئاشكارا ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

    خەۋەر قىلىنىشىچە تىرامپ 12-ئايدا لوكخىد-مارتىن شىركىتى ۋە بوئىن شىركىتىنىڭ CEOلىرى ھەمدە F-35نىڭ تۈر مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆرۈشۈپ بىر كۈن ئۆتمەيلا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. تىرامپنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بوئىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە»نىڭ باھاسى F-35كە قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق، دەپ قارىغان . 

    ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى دېبورا لى جامېس 1-ئاينىڭ 5-كۈنى «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» مۇخبىرىغا دېيىشىچە، گەرچە زۇڭتۇڭنىڭ بىر تۈرلۈك قورال ئېلىپ-سېتىش پىلانىنى بىكار قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىش ياكى ئارمىيىگە  يېڭى بىر تۈرلۈك قورال ياساپ چىقىش بىۋاستە بۇيرۇقى بېرىش ھوقۇقى بولسىمۇ، بىراق  ھاۋا ئارمىيە يەنىلا F-35 تۈرىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ئىكەن

    ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى دېبورا لى جامېس مۇنداق دېدى: «ھاۋا ئارمىيەسى F/A-18 بىلەن F-35نىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىمايدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئايروپىلانلار، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان شارائىتلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. لېكىن F/A-18 ئايروپىلانى 4- ئەۋلاد ئايروپىلان، F-35 بولسا 5-ئەۋلاد ئايروپىلان. بۇلارنى ئالماشتۇرۇش كەينىگە چېكىنگەنلىك» 

    ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىرى بۇ ئىشتا پۇرسەت تېپىپ يېڭى زۇڭتۇڭغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئارمىيەسى F/A-18 ئايروپىلانىغا پەقەت قىزىقمايدۇ.»

    تىرامپ ئاللىقاچان بۇ خىل كۆز قاراشتىكى بىر ھاۋا ئارمىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ بولسا F-35 تۈرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرەپ باش مەسئۇلى كىرىستوف بوگدان. ئىككىيلەن F-35 تۈرى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى. بىراق تىرامپ بۇنىڭلىق بىلەن F-35 تۈرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتمىدى.

    ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە تىرامپنىڭ بوئىن باش لىدىرى دەننىس ۋە لوكخىد مارتىننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشى تىرامپنىڭ پوزىتسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

    ئۇ مۇنداق دېدى: «ماڭا نىسبەتەن تىرامپنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن بىر نۇقتا روشەن، ئۇ بولسىمۇ تىرامپ بوئىن شىركىتى بىلەن لوكخىد مارتىننىڭ CEOلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ تۈرنى مۇھاكىمە قىلغان، بۇ جەرياندا تەننەرخ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار بىردەك تىرىشىپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە F-35نىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىشكە ئورۇنغان.»

    ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى دېبورا لى جامېس مۇنداق دېدى: «گەرچە بىرلەشمە ھۇجۇمچى قىرغۇچى ئايروپىلان تۈرى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىلگىرىلەش بار.» دېبورانىڭ ئاتالمىش ئىلگىرىلەش دېگىنى تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە بۇلتۇر 8-ئايدا ھەربىي تەرەپنىڭ F-35 دەسلەپكى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، دەپ ئېلان قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号