• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    تانزانىيەدە بىر يۈك پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئاز بولغاندىمۇ 12 ئادەم قازا قىلدى

    مەنبە : chinanews.comتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 10:05

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

    تانزانىيە ساقچىلىرىنىڭ 10-يانۋار ئېيتىشىچە، بىر يۈك پاراخوتى 10-يانۋار ئەتىگەندە تانزانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھىرى تانگا ئەتراپىدىكى ھىندى ئوكياندا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ھازىر ئاز بولغاندىمۇ 12 ئادەم قازا قىلغان.

    تانگا يەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوت تانگادىن پېمبا ئارىلىغا ماڭغان بولۇپ، تانگادىن تەخمىنەن 4 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز رايونىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ھازىر قۇتقۇزۇلۇۋاتقان بولۇپ، پاراخوتقا چىققان ئادەم سانى ۋە ئۆرۈلۈپ كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. يەرلىك بېلىقچىلار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرغان بولۇپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن 28 يولۇچىنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئاندىن قۇتقۇزۇلغانلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە ئۇچرىغان بۇ يۈك پاراخوتىغا كۆپ مىقداردا ئاشلىق، پىۋا ۋە باشقا ماللار بېسىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىزدا دولقۇن كۈچلۈكرەك ئىكەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号