باش بەت

زورىگۈل

5588يوللانما
4مەستانە

قىرغىزىستان ئۈرۈمچىگە ئۇدۇل كېلىدىغان تىرانسپورت لىنىيەسى ئاچىدۇ

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 11:15 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

قىرغىزىستان قاتناش مىنىستىرلىقى 10-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى پايتەخت بىشكەك ۋە جەنۇبتىكى شەھەر ئوشتىن جۇڭگوغا بىۋاسىتە كىرەلەيدىكەن ھەم ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارالايدىكەن، جۇڭگو-قىرغىزىستان خەلقئارا تاشيول تىرانسپورتىدا ئۇدۇل بېرىش ئىشقا ئاشۇررۇلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، 9-يانۋار تۇنجى تۈركۈمدىكى 8 يۈك ئاپتوموبىلى قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارا تىرانسپورت شوپۇرلىرى ئۆمەك ۋەكىللىرىنى ئېلىپ قىرغىزىستاندىن يولغا چىققان، ئەترەت ئۈرۈمچىگە كېلىپ 4 كۈندىن كېيىن قىرغىزىستانغا قايتىش، يول بىلەن تونۇشۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىۋاسىتە تىرانسپورتقا تەييارلىق قىلىشنى پىلانلىغان.

قىرغىزىستان بۇلتۇر 11-ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ جۇڭگو شىنجاڭدا سۆھبەتلەشكەن ھەم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىشكەك-قەشقەر-ئۈرۈمچى ۋە ئوش-قەشقەر-ئۈرۈمچىنى تۇتاشتۇرىدىغان جۇڭگو-قىرغىزىستان خەلقئارا بىۋاسىتە تىرانسپورت لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىغان. بۇرۇن قىرغىزىستاننىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگراسىغا كەلگەندىن كېيىن يۈكنى چۈشۈرۈپ جۇڭگونىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئۈرۈمچىگە ئاپىرىلاتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号