• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    OPPO R9S يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسى بازارغا كىردى: 2799 يۈەن

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 20يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 10:27

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    IT ئائىلىسى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    OPPO يېقىندا R9S يانفونىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يانفون توق قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان، مودا ئېقىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، يېڭى يىلنى تەبرىكلەشتەك بايرام كەيپىياتىغا ناھايىتى ماس كەلگەن. بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00دە OPPO R9S يانفونى يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسى رەسمىي بازارغا سېلىندى.

    OPPO R9S يانفونىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسى سەپلىمە جەھەتتە ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن ھىچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا مىكرو ئانتېننا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قارا رەڭلىك ئانتېننا سىزىقچىسى يانفون گەۋدىسىنىڭ قىزىل رەڭگىگە ناھايىتى ماسلاشقان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بۇ يانفوننىڭ ئورالمىسىمۇ ئىنتايىن نەپىس لايىھەلەنگەن.

    OPPO R9S يانفونىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسى ئوخشاشلا سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، زەرەتلەش سۈرئىتى تېز بولۇشتەك يارقىن نۇقتىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، يەنى بۇ يانفونغا سونىي IMX398 تىپلىق كامېرا سېنزورى سەپلەنگەن، ئالدى ۋە ئارقا كامېراسىنىڭ ئېنىقلىقى ئوخشاشلا 16 مىليون پىكسېلغا يېتىدۇ، كەينى كامېراسىغا قوش يادرولۇق فوكۇس توغرىلاش تېخنىكىسى ۋە F/1.7 چوڭ ئوپتىك چەمبىرىكى ئىشلىتىلگەن؛ زەرەتلەش جەھەتتە يانفونلىرىغا ئورتاق بولغا VOOC تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.

    باھاسىغا كەلسەك، OPPO R9S يانفونى يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇسخىسى 2799 يۈەندىن سېتىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00دىن باشلاپ ئوپپو ئورگان تورى، تىيەنماۋ سودا شەھەرچىسى، جىڭدوڭ تورى قاتارلىق سودا تور بېكەتلىرىدە ماس ھالدا بازارغا سېلىندى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号