• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى

    مەنبە : news.xinhuanet.comتەھرىر : ئەلى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 10:40

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

     رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 11-يانۋار مۇنداق دېدى: 2017-يىلى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىنى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى قورال ۋە تېخنىكا ئىگىلەپ، رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك يادرو كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇشى لازىم. 

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سېرگىي شويگۇ شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك گېنېراللىرى تېلېۋېزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يېتىشكە تېگىشلىك سەۋىيىگە يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، 2017-يىلىلىق مال زاكاز ۋەزىپىسىنى نازارەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى قورال-جابدۇقلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك. 

    شويگۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇرۇش تەلىم-تەربىيىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىي ۋاسىتە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىنى كىرگۈزۈپ، سۇرىيەدە ئېرىشكەن ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە قوشۇنى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. 

    شويگۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇ-160 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ياساش ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەمدە تۇ-160 بەلگىلىك ۋە تۇ-95MC ئىستىراتىگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت, ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالەم كېمىسىنى ئوربىتىدا ئورنىتىشمۇ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. 

    شويگۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 2018-2025-يىلىغىچە قورال سېتىۋېلىش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەر، ئالدى بىلەن سانائەت ۋە پەن تارماقلىرى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلىشى لازىم، «بۇ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ تاماملاش شەرت قىلىنغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە.» 

    يېقىندىن بېرى رۇسىيە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قورال-جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى. رۇسىيە قوراللىق ئەسكەرلەر قورال-جابدۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، 2020-يىلىدىن بۇرۇن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلاشقان قورال ۋە ھەربىي تېخنىكىلىق جابدۇقلار بىلەن قوراللىنىش نىسبىتى %70كە يېتىدۇ.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号