باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

ئوباما ئەر-ئايالنىڭ ئۇنتۇلماس دەقىقىلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 11:19 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كولومبىيە رادىيو شىركىتى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئوباما بىلەن مىچېلنىڭ توي قىلغىنىغا 25 يىل بولىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار چوڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. سۈرەتتىكى ئابىدە ئارقىلىق ئوباما بىلەن مىچېلنىڭ 1989-يىلى بىر-بىرىگە تۇنجى قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقان ۋاقتى خاتىرىلەنگەن.

2016-يىلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئايالى مىچېل ئاق ساراي ئالدىدا ئىتالىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭلىسى ماتتېيونىڭ كېلىشىنى ساقلىغان.

2016-يىلى، ئوباما ئاق سارايدا سىنگاپور زۇڭلىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقاندا، مىچېل ئۇنىڭ بۇرنىنى سۈرتۈپ قويغان.

2016-يىلى، ئوباما ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن «پەرىشتىلەر بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ناھايىتى خۇشال ئوينىغان.

2016-يىلى، ئوباما ئەر-ئايال ئاق سارايدىكى چىملىقتا ئۆتكۈزۈلگەن پاسخا بايرىمىغا ئاتاپ تۇخۇم بوياش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

2015-يىلى، ئوباما جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقاندا، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىچېل ئۇنىڭ گالىستۇكىنى تۈزەپ قويغان.

بۇ ئوباما ئەر-ئايال 2015-يىلى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەت.

2014-يىلى، 1-خانىم مىچېل ئاق ساراي باش ئاشپىزىنىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاندنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت زىياپىتىدە كۆرسەتكەن ئالاھىدە تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىپ بولۇپ سەھنىدىن چۈشىۋاتقاندا، ئوباما ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن.

بۇ سۈرەت ئوباما ئەر-ئايال 2014-يىلى، ۋاشىنگىتوندىكى بىلەير دۆلەتلىك مېھمانخانىسىدا تۇرغاندا تارتىلغان.

2013-يىلى، ئوباما ۋاشىنگىتوندىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا مىچېلنى سۆيۈپ قويغان.

2013-يىلى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان تانسا كېچىلىكىدە ئىككەيلەن تانسا ئوينىغان.

بۇ سۈرەت 2013-يىلى مېچىل تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە تارتىلغان.

بۇ سۈرەت 2012-يىلى، ئوباما سايلامدا يەنە بىر قېتىم ئۇتۇپ چىققان ۋاقىتتا تارتىلغان.

بۇ سۈرەت 2012-يىلى، ئوباما بىر قېتىملىق سايلام پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن تارتىلغان.

2012-يىلى، ئوباما ئەر-ئايال مىچىگان كۆلى بويىدا تۇرۇپ چىكاگودىكى يۇرتىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلىگەن.

2010-يىلى، ئاق ساراينىڭ شەرقىي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتات باشلىقلىرى يىغىلىشىدا ئوباما ئەر-ئايال قانغۇچە ئۇسسۇل ئوينىغان.

2010-يىلى، ئوباما ئەر-ئايال ئاق ساراي ئالدىدا مېكسىكا زۇڭتۇڭى فېلىپ كالدىروننى ساقلاۋاتقاندا، مىچېل ئوبامانىڭ كىيىمىنى ئوڭشاپ قويغان.

2009-يىلى، ئوباما ئەر-ئايال ۋاشىنگىتوندىكى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى تەبرىكلەش نامايىشىدا بىللە ماڭغان.

2009-يىلى، ئوباما ئەر-ئايال گولف ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۇسسۇل كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号