باش بەت

مەۋلۇدە

1907يوللانما
14مەستانە

ئانىسى ئۈچۈن 56 ياشقا كىرگىچە توي قىلمىغان ناخشىچى--فېي شياڭ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 12:32 0 ئىنكاس چۈشتى

فېي شياڭ، 56 ياش، جۇڭگو تەيۋەندە تۇغۇلغان، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، ناخشىچى، ئارتىس. 

فېي شياڭ جۇڭگو تەيۋەندە تۇغۇلغان، دادىسى ئامېرىكا ئەسكىرى، ئاپىسى جۇڭگو بېيجىڭلىق، فېي شياڭنىڭ مومىسى (ئاپىسىنىڭ ئاپىسى) نىڭ ئەسلى يۇرتى جۇڭگو شەندۇڭ يەنتەيدە، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر فېي شياڭنىڭ ئەسلى يۇرتىنى شەندۇڭ يەنتەي دەپ قارايدۇ، فېي شياڭنىڭ ئەسلى ئىسمى KRISPHILLIPS.

«فېي» دېگەن بۇ فامىلە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن، فېي شياڭ دېگەن ئىسىم پەرۋاز قىلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

1987-يىلى فېي شياڭ تۇنجى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن تەيۋەنلىك ناخشىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «يۇرتۇم بۇلۇتى»، «قىشتىكى ئوت (冬天里的一把火)» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن داڭق چىقارغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ فېي شياڭنىڭ نامى ھەممە يەرگە تارقالغان، ئۇنىڭ كېلىشكەن، مۆتىۋەرلەرگە خاس سالاپىتى بولغاندىن سىرت يەنە سەمىمىي، پاراسەتلىك ئىچكى دۇنياسى بۇ ئېسىل ئەرنى تېخىمۇ تونۇتقان.

فېي  شياڭ بۇ يىل 56 ياش، ھازىرغىچە توي قىلمىدى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

فېي شياڭ ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، بۇ نىكاھ ئۆزگىرىشى فېي شياڭنىڭ ئانىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغان، ھەتتا ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگىمۇ كەلگەن، لېكىن ئوغلى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ فېي شياڭنى چوڭ قىلغان، مەكتەپتە ئوقۇتقان، شۇڭا فېي شياڭ ئانىسىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزى ئۈچۈن ياشاپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۇ ئانىسىنى سۆيىدۇ، ئانىسىنىڭ يەنە ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ئانىسىنىڭ ئاخىرقى ھاياتىنى خاتىرجەم، بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشىنى ئويلايدۇ، شۇڭا ئۇ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇشنى تاللىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号