باش بەت

ئىلكان

1542يوللانما
0مەستانە

ترامپنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى بازاردا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟

مەنبە:fx168 مالىيە ئىقتىساد تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 12:43 0 ئىنكاس چۈشتى

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى ترامپ بېيجىڭ ۋاقتى 12-يانۋار سەھەر سائەت 1 دە 11-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، يىغىندىن ئىلگىرى مەبلەغ سالغۇچىلار ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، دوللار پېرىۋوت قىلىنىدىغان پۇللاردا ئۆزگىرىش بولمىغان، لىكىن مىكسىكا پىسوسى يېڭى تۆۋەن رىكورتنى ياراتقان. بۇ مۇخبىرلار يىغىنى شۈبھىسىزكى ترامپنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان پۇرسەت بولۇپ، بازارنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىي سىياسىتىگە بولغان قارىشى، مەسىلەن باجنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشى پىلانى ھەمدە جۇڭگوغا تۇتقان مەيدانى قاتارلىق ئىنچىكە مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ترامپنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىسادقا بولغان  تەسىرى غايەت زور بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور دولقۇننى قوزغايدۇ.

ترامپ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سايلامدا غەلبە قىلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى %4 كە يىقىن ئاشقان، سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇ ۋەدە قىلغان مالىيەنى غىدىقلاش پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە پۇل پاخاللىقىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ترامپ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى ئالدىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا پۇللارغا بولغان پېرىۋوتىنى  ئۆزگەرتكەن.

ترامپ 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ سودا سىياسىتى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسلىلەردە قاتتىق يول تۇتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ترامپ مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى سودىگەرلەر قائىدە بويىچە ئېغىز ئاچمىغانلىقتىن، مىكسىكا پىسوسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوتى سەيشەنبە كۈنى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 21.7685 كە چۈشكەن. ئەمىلىيەتتە، ترامپنىڭ قوغداش سىياسىتىگە بولغان ئەندىشە پىسونىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان، 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇيان، مىكسىكا پىسوسى %14 چۈشكەن.

دۇنيا بانكىسى (WB) نىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە: «ترامپنىڭ باجنى كېمەيتىش ۋە چىقىم پىلانى بەلكىم ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بىر قېتىملىق كۈچلۈك «ئوكۇل ئۇرۇشى» بولۇشى، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى خەتەرنى ئاشۇرىۋەتتى» دېگەن.

گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) نىڭ فىرانكىفورتتا تۇرۇشلۇق تەھلىلچىسى Esther Reichelt نىڭ بىلدۈرىشىچە:«بازار ترامپنىڭ مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنىغا نىسبەتەن بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە، پېرىۋوت بازىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ترامپنىڭ پىلانى ئىنتايىن مۇھىم، يەنە سودا سىياسىتى ھەمدە جۇڭگوغا تۇتقان مەيدانىمۇ بار».

ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە:«ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى بۇ خىل چوڭ مۇقىمسىزلىقنى ئېتراپ قىلدى، شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتىكى دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل پۇل سىياسىتى ئەمەس، چۈنكى پۇل سىياسىتى يىغىنى بىزنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە ئاڭلايدىغان ترامپنىڭ سۆزلىرىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ».

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

 ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号