• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    iPhone 7 ياخشى سېتىلماي فۇشىكاڭنىڭ كىرىمى 26 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چۈشۈپ كەتتى

    مەنبە : techweb.com.cnتەھرىر : tilmach01 ئىنكاس : 15يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:52

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    11- يانۋار چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما 13 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى كىرىم تۆۋەنلىگەن مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭ ھاۋالىلىك ياسىغۇچىسى فۇشىكاڭمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويىدىغان بىر پارچە مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە فۇشىكاڭنىڭ كىرىمىمۇ 1991-يىلى پېيىنى بازارغا سالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئالما يانفونىنىڭ تويۇنغان بازار ئېھتىياجى ۋە تويۇنغان ئەقلىيفون بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىپادىلىگەن. 


    پۈتكۈل 2016-يىلدا فۇشىكاڭنىڭ تىجارەت كىرىمى 136 مىليارد دوللار بولغان بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىگەن. ياخشى يېرى شۇكى ئۇلارنىڭ 12-ئايلىق تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل ئاخىرىدىكى مال سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بولۇپمۇ iPhone 7 Plusنىڭ سېتىلىشىنىڭ شىددەت بىلەن ئاشقانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان. 

    ئالمىنىڭ تىجارەت كىرىمىدە 2016-يىلى 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، فۇشىكاڭنىڭ ئومۇمى كەسىپ مىقدارىدا ئالما مەھسۇلاتلىرى %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى شىركەتنىڭ تىجارەت نەتىجىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك. بازار ئانالىزچىسى Vincent Chenنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ئالمىنىڭ 2016-يىلىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 207 مىليون دانە بولۇپ، 2015-يىلىدىكى 236 مىليون دانىدىن تۆۋەن بولغان. 

    بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە 2017-يىلى بۇ ئىككى شىركەتكە نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغان بولۇپ، 10 يىللىق خاتىرىلەش تىپىدىكى ئالما يانفونى بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا، فۇشىكاڭنىڭ تىجارەت كىرىمى %5-%10كىچە ئاشىدىكەن. بۇ يىل ئالمىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىمۇ 221 مىليون دانىغا يېتىدىكەن. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号